ئامېرىكا: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان دىنىي چەكلىمىسى قارشىلىقنى كۈچەيتىۋەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.07.28
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2014‏-يىلى دوكلاتىدا، خىتاي ئاساسىي قانۇنى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىن ناچارلاشقان. مۇستەقىل كاتولىك، پروتېستانت مۇخلىسلىرى قولغا ئېلىنغان، جەرىمانە قويۇلغان ۋە ئىبادەتخانىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. فالۇنگۇڭ تەرىقىتى ۋە باشقا بۇددىست، پروتېستان تەرىقەتلەر «خۇراپاتلىق» دەپ باستۇرۇلغان.

دوكلاتتا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن 2008 ۋە 2009‏-يىلى تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئىلىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن نارازىلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي زاتلارنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش، يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئىبادەتخانا ۋە مەسچىتلەرنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتتى. شۇنداقلا يەنە يېڭى پروگراممىلارنى يولغا قويۇپ، بۇددىست راھىبلىرىنى سىياسىي ساداقەتمەنلىككە مەجبۇرلىدى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى زەئىپلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە ۋە دىنىي ئەركىنلىك تەرەپدارلىرى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىزچىل داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر دوكلات مۇسۇلمانلار بىر ئايلىق رامىزاننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇغان روزا ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى ئېلان قىلىندى. بۇ يىللىق رامزان ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا روزا تۇتۇش چەكلىمىسى قويغان. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان رامزان چەكلىمىسى تەنقىد قىلىنغان.

دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي ھېچقانداق ئەلنىڭ دىنىي ئېتىقادنى چەكلەپ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىنى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشىنى مەنئى قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ھېچقانداق شۈبھە بولمىسۇن، بىز داۋاملىق دۇنيادىكى خەتەر ئاستىدا قالغان ئاز سانلىق دىنىي گۇرۇھلارنىڭ تەرىپىدە تۇرىمىز. جۈملىدىن...، باھايى ۋە ئەخمىدىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەرىپىنى تۇتىمىز. بىراق بىزنىڭ بۇ ھەق‏-ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشىمىزدا ئۇزۇن يولنى بېسىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا بىزنىڭ يەنە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى باھانە قىلىپ، ئاز سانلىق دىنىي گۇرۇھ ئەزالىرىنى باستۇرماسلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن يولنى بېسىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
رۇسىيە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى ئارقىلىق ئاتالمىش دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قاتتىق قول تەدبىرلىرىنى ئاقلاپ كەلدى. خىتايدا، دائىرىلەر خرىستيانلارنى، دالاي لامانىڭ رەسىمىنى ساقلىغان تىبەت بۇددىستلىرىنى قولغا ئالدى. ئۇلار يەنە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەلىم تەربىيە بېرىشىنى مەنئى قىلدى ياكى رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشىنى چەكلىدى.

جون كەرىي سۆزىدە يەنە، بۇ خىل تاكتىكا ئۆزلىرىگە داۋاملىق زور ۋەزىپىلەرنى يۈكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق بۇ خىل تاكتىكىلار تارىخنىڭ سىناقلىرىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا يەنە، 2013‏-يىلى ئۇيغۇر ئىلىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ توقۇنۇشىدا 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىراق شۇ يىلى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ تيەنئەنمىن مەيدانىغا ئۈسسۈپ كىرىشى بىلەن، ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىنقى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى دىنىي ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچىلىك، غەرەزلىك ھۇجۇم، دەپ قارىسىمۇ، بىراق بەزى ھادىسىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقاتىغا قارىتىلغان قاتتىق قول چەكلىمە بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەسىلەن، تيەنئەنمىن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكىتىگە ئۇنىڭ يۇرتىدىكى يېڭى سېلىنغان مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلىشى يېتەكچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2013‏-يىلى 28‏-ئۆكتەبىر يۈزبەرگەن تيەنئەنمىن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنى ئوسمان ھەسەننىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھۇجۇمغا ئوسمان ھەسەننىڭ ئانىسى قۇۋانخان رېھىم ۋە ئايالىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۇجۇمنى ش ئى ھ گە مۇناسىۋەتلىك «تېررورلۇق» ھۇجۇم، دېگەن.

بىراق، ئوسمان ھەسەننىڭ يۇرتى-ئاقتۇنىڭ ئۈجمە يېزىىسىدىكى ئاھالىلەر يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يېزىدىكى خەلق پۇل يىغىپ سالغان بىر مەسچىتنى زورلۇق بىلەن چېقىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تيەنئەنمىن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

لېكىن، دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قىسمەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قايتۇرغان ئومۇميۈزلۈك قاتتىق قول ئىنكاسى، ئۇيغۇر ئىلىدا قارشىلىقنى كۈچەيتىۋەتكەن. دوكلاتتا، ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى يەنە بىر قېتىملىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغاپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەشكە باشلىغانلىقىنى، بىراق بۇ خىل يېڭى چەكلىمە يەنە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا، ئۆتكەن يىلى ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسى 16‏-كەنتىدە، زورا ھېيت نامىزى چەكلىنىپ، توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ۋەقەدە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، شۇ يىلى ساقچىلارنىڭ خوتەن خانئېرىق يېزىسىدىكى بىر مەسچىتكە بېسىپ كىرگەندە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2013‏-يىلى 6‏-ئايدا يۈزبەرگەن بۇ ۋەقەدە ساقچىلار خانئېرىق يېزىسىدىكى مەسچىت ئىمامىنى قولغا ئالغان. چۈنكى، مەسچىت ئىمامى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن خۇتبىنى ئوقۇشنى رەت قىلغان. ساقچىلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن مەسچىت ئەھلىنى ئوققا تۇتقان ئىدى.

دۈشەنبە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى تام مالىنوۋسكىي، قىسمەن ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، پۈتۈن خەلقنى نىشانغا ئېلىشنىڭ زوراۋانلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ ھاللاردا تىزىمغا ئالدۇرمىغان دىنىي ۋە روھانىي گۇرۇھلارنىڭ يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ كەلدى. بەزىدە فالۇنگۇڭ مەسىلىسىگە ئوخشاش دىلولاردا ئۇلارنىڭ سۆز ھەققىنى چەكلەپ، گاۋ جىشىڭدەك ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى جازالىدى. بىز خىتاي دائىرىلىرىنى 7‏-ئاۋغۇست كۈنى گاۋ جىشىڭنى ئۆز قەرەلىدە قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىشىگە يول قويۇشقا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىمەسلىككە، ئۇنىڭغا پاراكەندىچىلىك سالماسلىققا چاقىرىمىز.

تىبەتتە دائىرىلەر تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى داۋاملىق كونترول قىلماقتا. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى بايام ئېيتقاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت پائالىيىتىنى، جۈملىدىن بۇ يىللىق رامىزاندا روزا تۇتۇشىنى، مۇدەررىسلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە باشقىلارنى چەكلىدى. قىسمەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى دەپ، نىشاننى ئومۇميۈزلۈك بىر مىللەتكە ۋە ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقاتىغا قارىتىش پەقەت زوراۋان دىنىي ئاشقۇنلۇقنى كۈچەيتىدۇ، خالاس.

تام مالىنوۋسكىي يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان بارلىق سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇر دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە-ئىقتىساد دىئالوگى ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئانتى-تېررورلۇق دىئالوگىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تام مالىنوۋسكىي، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كەرىي ۋە باشقا ئەمەلدارلار ئىستراتېگىيە‏-ئىقىتىساد دىئالوگىدا بۇنىڭغا دائىر بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز يەنە، كېيىنرەك ۋاشىنگتوندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دىالوگى ئۆتكۈزدۇق. ئۇنىڭدا بىز خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش مەسىلىسىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ بىزنىڭ خىتاي بىلەن دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئورتاق مەنپئەتىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق، دېدى.

15‏-ئىيۇل، ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي ئانتى-تېررورلۇق دىئالوگىدا خىتاي تەرەپ، ش. ت. ئى. ھ نىڭ «تېررورلۇق» تەشكىلات ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلغان.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كەرىي ئاخبارات يىغىنىدا، دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ يادرولۇق قىممەت ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ داۋاملىق ئامېرىكا يەر شارى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئايرىلماس پارچىسىى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.