سىياسىي قانۇن باشقارمىسى خادىمى: «18 ياشقا توشمىغان بالىغا ھەر قانداق دىنىي تەربىيە قىلغان ئاتا-ئانا جازالىنىدۇ»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.10.17
guma-nahiyiside-oqughuchilargha-diniy.jpg گۇما ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رامازان مەزگىلىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش يىغىنى. 2015-يىلى سېنتەبىر.
گۇما ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى تور بېتى

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2006‏-يىلى چىقىرىلىپ ئىجرا قىلىۋاتقان «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ،بالىلىرىنى دىنىي پائالىيەتلەرگە رىغبەتلەندۈرگەن، قىزىقتۇرغان ياكى قىستىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 1-نويابىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا دائىرىلەرنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ ئائىلە دىنىي مۇھىتىنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغان جەدۋەل تارقىتىپ، راي سىناش ئېلىپ بارغانلىقىمۇ ئاشكارىلانغان ئىدى. بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، زادى قايسى خىلدىكى دىنىي تەربىيىلەرنىڭ جازالىنىش كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقى ۋە قانداق جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تىرىشتۇق.بۇ ھەقتە قەشقەر مائارىپ سىياسىي قانۇن باشقارمىسى خادىمى مۇخبىرىمىزغا: «18 ياشقا توشمىغان بالىغا ھەر قانداق دىنىي تەربىيە قىلغان ئاتا-ئانا جازالىنىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە 1-نويابىردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا رەسمىي يۈرگۈزۈلىدىغان دىننى باشقۇرۇشقا دائىر يېڭى نىزامنامىدە ئېنىق قىلىپ «ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆسمۈرلەرنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللىشى، جەلپ قىلىشى ياكى زورلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. «ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى بايقىغان ھامان توسۇش ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار» دېگەن ماددىلارمۇ بار.

بۇ خەۋەر چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئىنكاس قوزغاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆسمۈر-بالىلار توغرىلىق يېڭى دىنىي بەلگىلىمىسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەھدىت نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئىزاھلىغان ئىدى. «ئەل جەزىرە خەۋەرلىرى»، رويتېرىس ئاگېنتلىقى، «ھىندىستان تېز پويىزى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇندىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ماددىلارغا سېلىشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى مەنئى قىلغان، يېقىنقى بىرنەچچە يىلنىڭ ئىچىدىلا يەرلىك دائىرىلەر شىنجاڭ تەۋەسىدىكى يوشۇرۇن دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يوقاتقان بولسىمۇ، شىنجاڭ تەۋەسىدە ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە» دەپ ئىزاھلىغان ۋە بۇ بەلگىلىمىنىڭ خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا دىنىي جەھەتتىن بېسىم سالمىغانلىقى ھەققىدىكى ئۆزىنى ئاقلىشى بىلەن بىر-بىرىگە زىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بۇ يېڭى بەلگىلىمە «ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىدىكى يەنە بىر تۈرلۈك ھادىسە» دېگەن مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق ۋە ئەندىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.

ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، خىتايدا بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشى، مەسچىتلەرگە كىرىشى قانۇنسىز قىلمىش دەپ بېكىتىلىپ، يەرلىك بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق چەكلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. بۇ يېڭى بەلگىلىمىدىن يەنىمۇ كونكرېت ھالدا مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ۋە ئۇسۇلدا دىنىي تەربىيە بېرىشىگە بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆسمۈرلەرنى دىنىي تەربىيەگە قىزىقتۇرغۇچى ئاتا-ئانىلارنىڭ ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئاتا ئانىلارغا قاراتقان چەكلەشنىڭ يەنىمۇ كونكىرېتلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. بەلگىلىمە بويىچە ئائىلىدىكى قانداق ئىش پائالىيەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن جازا دائىرىسىگە كىرىدىغان نىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن باشتا بىر قانچە ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ سىناپ كۆردۇق، ئەمما ئۇدا رەت قىلىشقا ئۇچرىدۇق. ئاخىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر ئۇيغۇر مەسئۇلىغا قاراتقان تېلېفونىمىز ئۇلاندى ئەمما ئۇ ئۇيغۇرمۇ زىيارىتىمىزنى «مەن بۇ ھەقتە سىزگە جاۋاب بېرەلمەيمەن» دەپ كەسكىن رەت قىلدى :

ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى سىياسىي قانۇن باشقارمىسى خادىمى تېلېفوننى ئالدى ۋە يېڭى نىزام بويىچە، «18 ياشقا توشمىغان بالىغا ھەر قانداق دىنىي تەربىيە قىلغان ئاتا-ئانا جازالىنىدۇ» دەپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئۇنىڭ شەرھىلىشىچە، ھەتتا دەستۇرخانغا دۇئا قىلىشتەك ھەر قانداق مۇسۇلمان ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغىمۇ سىڭىپ كەتكەن ئادەتلىرىگىچە شۇ خىلدىكى چەكلىنىدىغان دىنىي تەربىيە كاتېگورىيەسىگە كىرىدىكەن.

بۇ خادىمدىن «ئۇنداقتا مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلار ھەر ۋاق تاماقتا دۇئا قىلىدۇ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن بالىسىغا بىرەر سۈرە ئۆگىتىشى كېرەكتۇ،بۇمۇ جازا كاتېگورىيەسىگە كىرەمدۇ؟» دەپ سورىدۇق، ئۇ ئىككىلەنمەستىن قەتئىي ھالدا، «ئەلۋەتتە كىرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ بىزنىڭ سوئالىمىزغا داۋاملىق جاۋاب بەرمەي قوپاللىق بىلەن تېلېفوننى قويدى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭىدىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىغا قارىتىلغان بۇ دىنىي چەكلەشلەرنىڭ، پەقەت يېڭى باشلىق ئالماشقاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر چەكلەش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆز دىنى ۋە مىللىي كىملىكلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلەتكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھە -ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش قائىدە قانۇنلارنى تۈزۈپ دەپسەندە قىلىۋېرىدىغان بىر ئەرزىمەس ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەرھات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە يەنە، بۇ يېڭى بەلگىلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئەمەس چۈنكى بۇنىڭدىن ئىككى ئايلار ئاۋۋال دائىرىلىرىنىڭ جاي جايلاردىكى مەكتەپ بالىلىرىغا ئائىلە دىنىي مۇھىتىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى جەدۋەلنى تارقىتىشىنىڭ ئۆزىدىلا «بۇنىڭ ئالدىن ئۇچۇر توپلاپ، ستاتىستىكىلىق تەييارلىق كۆرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق جەزم قىلغاندىن كېيىن ئالغان جىددىي تەدبىرى» دېگەن پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

دەرۋەقە ئىككى ئاي ئىلگىرى دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ دىنىي مۇھىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. قەشقەرنىڭ بىر باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئۇيغۇر قىزى ۋە خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئامانلىق خادىمى قاتارلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى ئۇيغۇر ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىلدا چۈشكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

يەنى ئىگىلىشىمىزدىن مەلۇمكى، بۇ يىل يازلىق تەتىلدىن باشلاپ رايوندىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي -ئىدىيە ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتنى چۆرىدەپ، بىدئەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش نامىدا ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا تەربىيە ئېلىپ بېرىلغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى قەسەمنامىلەرگە قول قويغۇزۇلغاندىن باشقا يەنە ئائىلە، دىنىي ئېتىقاد ۋە پائالىيەت ئەھۋاللىرى ھەققىدە سوئاللارغا جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنغان جەدۋەل تارقىتىلىپ كەڭ كۆلەملىك راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

جەدۋەلگە «ئۆيدە ناماز ئوقۇيدىغانلار بارمۇ؟ ساقال قويغان، ھېسابلانغانلار بارمۇ؟ قانداق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟ ئۆيىڭىزدە دىنىي كىتاب، ماتېرىياللار بارمۇ؟» دېگەندەك تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە دائىر ئىنچىكە سوئاللار كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

مائارىپ تارماقلىرى يەنە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىۋى دىنىي ئېتىقاد مۇھىتىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنىڭ بارلىق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىدىغان ۋە پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىغا كىرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا 1-سېنتەبىر يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاشتىن ئاۋۋال ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇپ مەكتەپكە تاپشۇرۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.