مۇستەقىل دىنىي زات سەيپىدىن قارى خىتاينىڭ ساقال چەكلەشتىكى 7 خىل سەۋەبى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.12.24
xoten-namaz-jamaet-305.png خوتەندىكى جامائەت
AFP

خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومى يېقىندا «ئوتتۇز نېمە ئۈچۈن» ناملىق قوللانما تارقىتىپ خوتەندە نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان دىنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ سەۋەبلىرىگە ئىزاھات بەرگەن. قوللانمىنىڭ «نېمە ئۈچۈن ياشلارنىڭ ساقال قويۇشى چەكلىنىدۇ؟» دېيىلگەن قىسمىدا ساقال چەكلەشنىڭ 7 خىل سەۋەبى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە دائىرىلەر بۇ سەۋەبلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن ئېغىز ئاچقان. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەدىنە خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن مۇستەقىل دىنىي زات سەيپىدىن قارى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ساقال چەكلەشتىكى مەزكۇر 7 تۈرلۈك سەۋەبى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە قۇرئان ۋە ھەدىستىن نەقىل ئېلىپ، خىتاينىڭ ئىسلام تەلىماتلىرىنى بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئويدۇرمىچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سوئال: ھۆرمەتلىك سەيپىدىن ئەپەندى، بىز بۈگۈن ئالدى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن ھازىرلانغان ۋە خوتەندىكى بىر كەنت كادىرى تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن مەزكۇر قوللانمىنىڭ ساقالغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ ئۆتەيلى:
جاۋاب: بولىدۇ، شۇنداق بولسۇن:

«نېمە ئۈچۈن ياشلارنىڭ چوڭ ساقال قويۇشى چەكلىنىدۇ؟

  1. قۇرئان كېرىم ۋە ھەدىس شېرىپ قاتارلىق ئىسلام ئەقىدە ئەھكاملىرىدا ياشلارنىڭ ساقال قويۇشى تەلەپ قىلىنمىغان.
  2. ھەدىس شېرىپتە ياشلارنىڭ ھەرىكىتى شۇ كىشى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي ئادەتكە ئەمەل قىلىشى كېرەك دېيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن زامانىۋى مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ياشلارنىڭ ساقال قويۇۋېلىشى زامانىۋى مەدەنىيەت ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس.
  3. ياشلارنىڭ چوڭ ساقال قويۇۋېلىشى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى.
  4. ياشلارنىڭ چوڭ ساقال قويۇۋېلىشى يات مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتى.
  5. ياشلارنىڭ چوڭ ساقال قويۇۋېلىشى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ياشانغان مويسىپىتلەرگە قارىتا ھۆرمەتسىزلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەخلاقىغا خىلاپ.
  6. ياشلارنىڭ ساقال قويۇۋېلىشى جەمئىيەتنىڭ ئوبرازىغا زىيانلىق بولۇپ زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
  7. ياشلارنىڭ ساقال قويۇۋېلىشى ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئايرىشقا قۇلايسىز، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشتا پايدىسىز.»

سوئال: يۇقىرىقى قۇرئان كېرىمدە ياشلارنىڭ ساقال قويۇشى تەلەپ قىلىنمىغان دېيىلگىنى توغرىمۇ؟
جاۋاب: قۇرئانى كېرىمنىڭ 59-سۈرە 7-ئايىتىدە «پەيغەمبەر بۇيرىغاننى قىلىڭلار، چەكلىگەندىن يېنىڭلار» دېگەن ئايەت بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقال قويۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن سەخىھ ھەدىسلەر بار. بۇ ھەدىسلەردىكى تەشەببۇسلار ھېچقاچان چوڭلارغا ياكى ياشلارغا دەپ ئايرىلغان ئەمەس. شۇڭا مەزكۇر ماتېرىيالدا ياشلارغا ساقال قويۇش تەشەببۇس قىلىنمىغان دېگىنى ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ بۇرمىلىنىشى.

سوئال: ياشلار زامانغا ئۇيغۇن بولۇش كېرەك، ساقال زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دېگەن گەپچۇ؟
جاۋاب: ئىسلامدا زامانغا ئۇيغۇن كېلىش دېمەك، زاماننىڭ ئەڭ ئالىي بىلىملىرى بىلەن قوراللىنىش دېمەكتۇر،. ئىسلامدا زامانىۋى مەدەنىيەت دەپ ئادالەتلىك بولۇش، كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، كىشىنى بوزەك قىلماسلىق، ھەققىنى يېمەسلىك، ئەدەپ ئەخلاقلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ؛ بۇنىڭ ساقال بىلەن ئالاقىسى يوق.

سوئال: ساقالنى ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى دېگەنگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: ساقالنىڭ ئەركەكلەرنى ئەسلى تەبىئىتى بويىچە بىرئاز ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك كۆرسىتىدىغانلىقى راست، جەمئىيەتتە دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم ياشلارنىڭ ساقال قويۇپ يۈرۈۋاتقانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچان ۋە ئىنتىزامچانلىقى بىلەن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تۈزەۋاتقانلىقىمۇ بىر رېئاللىق، شۇڭا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ خىل قىياپىتى ۋە خىسلىتى خىتاي تەرەپنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان گەپ؛ ئەمەلىيەتتە ساقال بىلەن ئەسەبىيلىكنىڭ ئالاقىسى يوق.

سوئال: ساقال يات مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، ئۈلگە ئېلىنماسلىقى كېرەك دېگىنى قانداق گەپ؟
جاۋاب: ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن بۇيان ئىسلام ئەقىدىلىرى ۋە تەلىماتلىرى بويىچە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان. شۇڭا مەخمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق بۈگۈن مىللىتىمىز پەخىرلىنىپ كېلىۋاتقان ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى ساقاللىق، ئۇلارنىڭ ساقاللىرى ھېچقاچان مەدەنىيەتكە تاقاشقان ياكى زامانغا يېتىشەلمەي قالغان ئەمەس. تېخى يېقىنقى دەۋەرلەردىمۇ مىللىتىمىز ئىچىدە ساقال-بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلەر پېشقەدەم ئۆلىمالارنىڭ تەنبىھ ۋە تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كەلگەن. ساقال قويۇش يات مىللەتنىڭ ئادىتى دېيىش ئاساسسىز.

سوئال : ياشلارنىڭ ساقال قويۇشى چوڭلارغا ھۆرمەتسىزلىك دېگىنى قانداق گەپ، بۇ گەپتە تايىنىلىۋاتقىنى نېمە بولۇشى مۇمكىن؟
جاۋاب: مەنچە بۇ بىر قىسىم جانباقار كىشىلەرنىڭ)ياللانما دىنىي زاتلارنىڭ( تاپقان گېپى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ھەقنى سۆزلىمىگەنلىكى ئۈچۈن جامائەت ھەقنى سۆزلەيدىغان دىنىي زاتلارغا يېشى كىچىك بولسىمۇ، سورۇنلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن بېرىۋاتقان ئەھۋال بار، شۇڭا ئۇ كىشىلەر باشقىلارنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن ئالقىشلىنىشىدىن بىئارام بولۇۋاتقان ئىش.

سوئال: يۇقىرىقىلاردىن خۇلاسە شەكىلدە نېمىلەرنى دېيىشىمىز مۇمكىن ؟
جاۋاب: خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىن خەۋپ ھېس قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىمانىنى سۇسلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، ھەممە مىللەتتە بولغىنىدەك، زالىم ھاكىمىيەتلەرنىڭ چەكلىگىنىگە مەزلۇم مىللەتنىڭ ئەزالىرى ئىنتىلىدۇ، تەلپۈنىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ساقال چەكلىمىسىنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇرلارغا ساقال قويۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ شۇڭا بۇ چەكلىمىلەر خىتاي كۈتكەندەك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېتىقادىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ؛ «ئاينىڭ ئونبېشى قاراڭغۇ بولسا، ئونبېشى يورۇق» بۇ چەكلىمىلەر ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارايمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.