ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق دىنىي ئۆلىمالارمۇ سىياسىي تەقىبلەشلەرگە ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-06-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر رايونى ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيىسى مەسچىتىنىڭ ئىمامى.
ئۇيغۇر رايونى ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيىسى مەسچىتىنىڭ ئىمامى.
Oqurmen teminligen

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈپ كەلگەن دىنىي ۋە سىياسىي تەقىبلەشلىرىنى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قازاق قاتارلىق باشقا مىللەتلەرگىمۇ يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە قازاقىستاندىن رادىئومىزغا ئۇچۇر بەرگەن بىر قازاق زىيالىيسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي جەھەتتىكى قاتتىق تەقىبلەش سىياسىتىنى  ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاقلارغمۇ ئوخشاش يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى ۋە بىر قىسىم نوپۇزلۇق قازاق ئىمام ۋە موللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش، زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەقەلىرىدىن مەلۇمات بەردى. ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان بۇ قازاق زىيالىيسى يەنە، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا، خىتايغا جىددىي بىر ئىپادە بىلدۈرمەيۋاتقانلىقى، قازاقلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىدىغان ئەركىن ئاخبارات بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى قازاقلارنىڭ نوپۇسى بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدا بولۇپ ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا تارقاقلاشقان. ئۇنىڭدىن سىرت قازاقىستان مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان تولۇقسىز مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ دۆلەتكە ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ كەلگەن قازاقلار تەخمىنەن 100 مىڭغا يېتىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قازاقىستان گراژدانلىقىنى ۋە ياكى بۇ دۆلەتتە مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىنى ئالغان بولسىمۇ، ئاساسلىق قىسمىنى يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىيلار ئىگىلەيدىغان بۇ قازاقلارنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بولغاچقا، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.

بۈگۈن رادىئومىزغا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان قازاق خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان بىر قازاق زىيالىيسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان رايوندا خىتاينىڭ كۈنسايىن ئېغىرلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي تەقىبلەشلىرىگە مۇسۇلمان قازاق خەلقىمۇ ئوخشاش ئۇچرىماقتا ئىكەن.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ قازاقلار ئارىسىدا بەزى نوپۇزغا ئىگە دىنىي ئۆلىمالار تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېغىر جازالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى سانجىدىكى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىدىمۇ يېڭى سېلىنغان مەسچىتلەر ئىچىدە ئەڭ چوڭ مەسچىت ھېسابلانغان، تۇنجى قازاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاق نىيەت موللا تۇتقۇن قىلىنغان، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دائىرىلەر بۇ كىشىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى دەپ ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن ۋە نازارەت ئاستىدا دەرھال دەپنە قىلدۇرغان.مورىدا قازاقلارنىڭ ئىسلامى ئېتىقادىنىڭ كۈچىيىشىدە تەسىرى چوڭ بولغان بۇ موللا، ئەسلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دىنىي خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپىگە قويۇلغان بىر دىنىي زات ئىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا يەنە ئالتاي قابا ناھىيەسىدىكى كۆپلىگەن شاگىرت تەربىيىلىگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زات ۋە مەسچىتنىڭ ئىمامى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. دائىرىلەر ئۇنىڭ مەسچىت سىرتىدا بىرىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەنلىكىنى باھانە قىلىپ،ئۇنىڭغا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت قىلدى دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ جازالىغان.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بايانداي قازاق كەنتىنىڭ ئىمامى قوبۇل ئاخۇن، 3 يىل ئاۋۋال قازاقىستاننىڭ دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپ ساقلىغانلىقى ۋە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ 8 يىللىق تۈرمىگە تاشلانغان.

بۇ ۋەقەلەر رايوندىكى قازاقلاردا زور تەسىر پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتى سەۋەبلىك بىۋاسىتە نارازىلىق بىلدۈرەلمىگەن، ئەمما بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىنى قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق، قازاق خەلقىنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرىنى قازاقىستان ۋە خەلقئاراغا ئاڭلىتىشقا تىرىشقان.

مەلۇمات بەرگۈچىنىڭ دېيىشىچە ھالبۇكى ئۈندىداردا بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى قازاقىستانغا يوللىغان كىشىلەر ۋە دىنىي مەزمۇنلارنى كۆرگەن تارقاتقان قازاقلاردىنمۇ كۆپ ساندا كىشى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ھازىرغىچە خەۋىرى بولمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش باھانىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا ساھەلەردىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە قازاقلارنىڭمۇ جازالانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ ئۇچۇر بەرگۈچى قازاق زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىل بېشىدا ئىلىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىكى بىر قازاق قىزى ق ق توپىدا ھىجابلىق بىر قىزنىڭ سۈرىتىنى چىقارغانلىقى ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان مەزمۇنلارنى تارقاتقان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ قاماققا ئېلىنغان.

ئۇچۇر بەرگۈچى قازاق زىيالىيسى يەنە سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ قازاقلارنىڭ ئادالەتسىز ھالدا جازالىنىش، زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋاللىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونتروللۇقى پەۋقۇلئاددە چىڭ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاسپورت يىغىش باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلار بىلەن ئالاقىلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى قازاقىستان دائىرىلىرىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،ئەمما قازاقىستاننىڭ خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي-سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان قازاقلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنىڭ كۆزدىن ساقىت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش، باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئېغىر زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيىتىنى مەن ياخشى بىلىمەن، شۇنداقلا دۇنيا ياخشى بىلىدۇ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا،ئەمما قازاقلار تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا، چۈنكى دۇنيا بۇلارنىڭ قازاق دۆلىتى بار دەپ قاراپ مەسىلىمىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ باستۇرۇشلاردا ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتمەيدۇ، ئەمما قازاقلار تېخىمۇ ئېغىر بىر كرىزىستا، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرى تەسىرىدە ئاسانلا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ يوقاپ كېتىدۇ، چۈنكى قازاقلار ئۇيغۇرلاردەك توپلىشىپ ياشىمايدۇ، دىنىي ئېتىقادىمۇ ئۇيغۇرلاردەك چىڭ ئەمەس، قوغدىنىش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز...» دېگەندەك مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز بۇ قازاق زىيالىيسى تەمىن ئەتكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قازاق ئىماملار تۇتقۇن قىلىنغان مورى، بايانداي قاتارلىق جايلاردىكى دائىرىلەرنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، رەت قىلىشقا ئۇچرىدۇق.

شىخەنزە، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا قازاقلار بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىش، ياشاش جەريانىدا خىتاينىڭ قازاق خەلقىگە تۇتقان پەرقلىق سىياسەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغان ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، «خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تەقىبلەش سىياسەتلىرىدە دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى جەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتاقلىققا ئىگە قازاق ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىشىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي زۇلۇمىدىن باشقا ئىسلام دىنىغا قاراتقان ئۆچمەنلىكى ۋە ھۇجۇمىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا قازاقىستان ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئورتاق دىققىتىنى تارتىش ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت