ئۇيغۇر دىيارىدىكى رامىزانلىق چەكلىمىلەر دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.06.08
qeshqer-oqughuchi-ramzan-su.jpg قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا رامىزاندا سۇ ئىچكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى ئىيۇل.
Social Media

خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر دىيارىدا رامىزان كىرىشى بىلەنلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان تۈرلۈك شەكىللەردىكى چەكلىمىلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 6-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى رامىزاندىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى، مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەپلا قالماي، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش شوئارى ئاستىدا جىددىي سىياسىي كىلىمات پەيدا قىلغان.

خەۋەردە د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى» گە ئىمزا قويۇپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. دىلشات رىشىت سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەربىر مەسچىت، ئولتۇراق رايونلارغا 2 ساقچى، 6 ياردەمچى ساقچى، 12 خەلق ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىملىك ئېنىقلاش، تەرتىپ ساقلاش نامىدا ئېغىر بېسىم يارىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سىياسىي مەسىلىلەر كۆزەتكۈچىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى دىلشات رىشىتنىڭ باياناتىنى تەستىقلاپ، بۇ يىلقى رامىزاندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدا بېسىم سىياسىتىنى يەنە كۈچەيتكەنلىكىنى، سىرتقا قارىتا دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بوشۈن تورى بولسا 6-ئىيۇندىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە، قەشقەر ۋە ئاقسۇ رايونلىرىدا رامىزانغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاز دېگەندە 17 ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خىتايدىكى تور بەتلەردە ئۇچۇر تارقالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتايچە قانىلى ۋە ب ب س مۇ 6-ئىيۇندىكى خەۋەرلىرىدە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەن. ئەمما، ھۆكۈمەت تەرەپتىن بۇ توغرىلىق ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات ئاشكارىلانمىغان.

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 6-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى «ئاشخانىلارنى ئېچىش-ئاچماسلىق شەخسنىڭ ئىلىكىدىكى ئىش، يەرلىك دائىرىلەر ئارىلىشالمايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئاشخانىلارنىڭ مەجبۇرىي ئېچىلغانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەرنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، كوچا چارلاشنىڭ كۈچەيگەنلىكى، نوپۇس تەكشۈرۈش نامىدا كىشىلەرنىڭ بىئارام قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەردە دىلشات رىشىتنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى بېيجىڭنىڭ رايوندىكى مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلماقتا» دېگەن بىر جۈملە سۆزى قىستۇرۇلغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن نارازىلىقى ئەسكەرتىلگەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بولسا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قارشىلىقلارنىڭ بارغانسېرى رادىكاللىشىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىدە يېقىن كەلگۈسىدە ئىجابىي بىر ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابى ھەققىدە ئىشلىگەن مەخسۇس خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بارلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى.

«رامزاندا ئاشخانىلارنى ئېچىش-ئاچماسلىقنى راستلا دۇكان خوجايىنى بەلگىلەمدۇ؟» ناملىق بۇ خەۋەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا باستۇرۇش، كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ قېتىم قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، قورغاس ئېغىزىدىكى 30 دىن ئارتۇق مىللىي ئاشخانىلارنى رامىزاندا تاقىماسلىق ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشخانا خوجايىنلىرىغا ۋەدىنامە يازدۇرغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى زەئىپلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى قارشىلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى شەرھلىگەن.

«شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابى ھەققىدە پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

26-ئاپرېل فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتى «بېيجىڭنىڭ خىتايچە دىنى» ناملىق بىر ئوبزور ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئوبزوردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشقا، يەنى ئۆزلىرىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، دىننى سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاينىڭ دىندىن ۋە دىنىي زاتلاردىن قورقىدىغانلىقى، كومپارتىيەنىڭ نەزىرىدە ئەڭ خەتەرلىك جەڭ ئېلان قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام رادىكال كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى رامىزان مەزگىلىدە خىتاينىڭ رامىزانلىق بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە 10 مىڭلىغان تۈرك خەلقى بىر قانچە ھەپتە نامايىشلار ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.