ئەلئەزھەر ئوقۇتقۇچىلىرى مىسىردىكى خىتاي باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017.10.17
mexmut-tarat-eldiya-gezit-uyghur-diniy-cheklime.jpg «ئەلدىيار» ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنى يىغىۋالغانلىقىغا قارشى بايانات. (شۇ تور بەتتىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
Photo: RFA

مىسىردىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنى يىغىۋالغانلىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى شۇنداقلا مىسىر ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

«ئەلدىيار» ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن مەخمۇت تارات ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئەرەب دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىشى ۋە خىتايدا مۇسۇلمانلار توغرىلىق ئېچىنىشلىق قارارلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەرەب دۆلەتلىرى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىغانلىقى تۈپەيلىدىن بولۇۋاتىدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى، بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ ۋەزىيەتنى چىڭىتىشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشى ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشى ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ، جۈملىدىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن سۈكۈت قىلىشىدىن بولۇۋاتىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي 170 تىن ئارتۇق مەسچىتنى تاقاش بىلەن بىرگە يەنە كۆپلىگەن ‹قۇرئان كەرىم›، تەسبىھ ۋە جاينامازلارنى مۇسادىرە قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىغا قارىتا قوللانغان بىر تەدبىر دەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بۇ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلغان دەپسەندىچىلىكى، دەپ قارىماقتا.»

يەنە بىر قىسىم ئەزھەر ئالىملىرى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «ھەقىقىي تېررورلۇق ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىدۇر،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسى ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان دوكتور ئەلى مۇھەممەد ئەلئەزھەرى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ تەكىتلەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىيىن-قىستاقلار ۋە زۇلۇملار ھەقىقىي تېررورلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتۇشتىن توستى، كۈپ-كۈندۈزدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ روزىسىنى مەجبۇرىي بۇزدۇردى. ئارقىدىن مەسچىتلەرنى تاقىدى ۋە ھەتتا چېقىپ تۈزلىۋەتتى. يېقىنقى كۈنلەردە ‹قۇرئان كەرىم› ۋە باشقا دىنى كىتابلارنى مۇسادىرە قىلىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنى، روزا تۇتۇش ئىبادىتىنى، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلىدىغان ۋە تەشۋىق قىلىدىغان ئامىل دەپ كۆرسەتمەكتە.»

دوكتور ئەزھەرىي يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ‹ئاساسىي قانۇنى› دا خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل-يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاش ھوقۇقىغا ئىگە دېيىلگەن. ھالبۇكى، خىتاي ئۆز قانۇنىغا قارشى ھالدا دۆلەت تېررورلۇقى جىنايىتىنى ئۆتكۈزمەكتە. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ قىيىن-قىستاق ۋە زوراۋانلىقلارغا پۈتۈن دۇنيا قارشى چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك.»

ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلار ھەيئىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يەنە قانداق مۇھىم مەزمۇنلار مەۋجۇت؟ بۇ بايانات خىتاي بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ بېرىۋاتقان مىسىر ھۆكۈمىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە ھازىر ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى، بۇ بايانات گەرچە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئەمما مىسىردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئالىم ۋە زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.