ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ يېتەرلىك دىققەت قوزغىيالماسلىقى مۇنازىرە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-04-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتاي مىللەت ۋە دىن خىزمىتى كادىرلىرى، دىنىي زاتلارنى قەرەللىك ھالدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن-تۈزۈملىرى بىلەن تەربىيىلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. پوسكام.
خىتاي مىللەت ۋە دىن خىزمىتى كادىرلىرى، دىنىي زاتلارنى قەرەللىك ھالدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن-تۈزۈملىرى بىلەن تەربىيىلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. پوسكام.
dihan.com.cn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكلىرىنى نىشان قىلغان سىياسەتلىرى خەلقئارادىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل دىققەت قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. بىراق، خىتاينى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىمنىڭ ئەسلىدە دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكىدىن ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت قوزغىيالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىگە چېن چۈەنگو پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن بېسىم سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. بولۇپمۇ، 4 ‏-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان 50 ماددىلىق «دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئىنگلىزچە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ «دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقى» ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۆز ئېغزى بىلەن خەۋەر قىلغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بەزى چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر «تىۋىتتېر» تورلىرىدا بۇ خەۋەرنى كۆپ قېتىم كۆچۈرۈپ تارقاتتى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر «تىۋىتتېر» تورىدىكى ئىنكاسىدا بۇ ۋەقەنى «ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئەڭ غەيرىي، ئەڭ بىمەنە مەنتىقىسى» دەپ باھالىدى. يۇقىرىدىكى بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەر بولۇپمۇ «دىنى ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» ئارقىلىق قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان بېسىم ۋە چەكلىمىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئەھۋالنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنى بېسىمنىڭ يەنىلا يېتەرلىك دىققەت قوزغىيالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتايدا ئۇزۇن يىل تۇرغان ۋە خىتاي ھەققىدە كۆپ كىتابلىرى ئېلان قىلىنغان شىۋىتسىيەلىك يازغۇچى، ژۇرنالىست يوييې ئولسسون تەيۋەننىڭ «كۆزەتكۈچى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ دىن ۋە ئىرققا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى-بىلىنمىگەن ۋە خەۋەر قىلىنمىغان» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مانا بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ماقالىسىنى «ھازىرقىدەك دىنى ۋە ئىرقىي كەمسىتىش دۇنيادا يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر شارائىتتا ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنى زىيانكەشلىكنىڭ تولۇق جەريانىنى چۈشىنىشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ» دەپ باشلىغان ۋە 1 ‏-ئاپرېل كۈنىدىن باشلىغان «دىنى ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» دىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن «ئەگەر يۇقىرىدىكى ماددىلار ئەگەر ھەرقانداق بىر باشقا دۆلەتتە ئىجرا قىلىنغان بولسىدى، بۇ چاققا دۇنيا ئاخباراتلىرىنىڭ بىرىنچى كۈن تەرتىپىگە ئايلانغان بولاتتى. بىراق، خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ تەدبىرلەرگە خەلقئارا جامائەتنىڭ بىر ئىنكاسى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. بۇ يېڭى نىزام شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پەۋقۇلئاددە قاتتىق قول سىياسەتلەرگە قوشۇلغان پەقەت بىر يېڭى سىياسەت» دەپ بايان قىلغان.

ئۇنداقتا، يۇقىرىدىكى ژۇرنالىست يوييې ئولسسون ئېيتقاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇنداق سىياسەتلەرنىڭ دۇنيادا يېتەرلىك دىققەت قوزغىماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشەندۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، خەلقئارادىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. پىكىر بايان قىلغۇچىلار ئۆز بايانلىرىدا ئامېرىكىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى قىلغان بىر دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىش- ئالماسلىقى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىغان. پرېزىدېنت ترامپنى ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشقا ئۈندىگەنلەرنىڭ بىرى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدىكى «خىتاي ئارخىپلىرى» ناملىق تور ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ ترامپنى خىتايدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى داۋام قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى دۇنيادىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئاتموسفېراسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ يەنىلا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز زىممىسىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شىۋىتسىيەلىك ژۇرنالىست ئولسسون بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان باشقا ھەرقانداق مىللەتكە يۈرگۈزۈۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان گۇمانخورلۇق سىياسىتىنى داۋام قىلىدىغانلىقى - ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا قارىتا سوئال قويغان ۋە «دۇنيادا دىنى ۋە ئىرقىي كەمسىتىش باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر شارائىتتا، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرى، يەنى تەيۋەن بولسۇن ۋە ياكى ئانا ۋەتىنىم شىۋېتسىيەنىمۇ بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىكتىن پۈتۈنلەي خالىي ئەمەس. لېكىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەر ئىسلامفوبىيە ۋە ئىرقچىلىق مەسىلىسىدە بىر - بىرىنى ئەيىبلەش بىلەن ئالدىراش بوپ كەتكەن بىلەن ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكى دۇنيادىكى نۇرغۇن باشقا دۆلەتلەردىن ئىنتايىن ئېغىر.... مەنچە خىتاي پات يېقىندا ھەقىقىي بىر گۈللەنگەن بىر جەمئىيەتنىڭ ئەسلىدە ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئارىسىدا ھەمكارلىق بولغاندىلا ئاندىن بەرپا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قالىدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت