پوسما كىيگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان تۇراخان يېزا سولاقخانىسىدا نېمىلەرنى كۆردى؟

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.04.09
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

ئالدىنقى كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شايار ناھىيەسىنىڭ مازارغوجام يېزىسىدىكى دېھقان ئايال تۇراخان ئۆزىنىڭ يېزا سولاقخانىسىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان شايار ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئىچى ۋە ھەرقايسى يېزا-كەنتلىرىدە ساقچىلارنىڭ قىز-ئاياللارنى توسۇپ ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

تۇراخان مەزكۇر ناھىيەنىڭ مازارغوجام يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئايال بولۇپ، يېقىندا باش ياغلىقىنىڭ ئىچىگە پوسما كىيگەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن 800 يۈەن جەرىمانە تۆلەش جازاسىغا ئۇچرىغان. ئۇ بۇ پۇلنى تۆلەشنى رەت قىلغاندا يېزا سولاقخانىسىغا سولاپ قويۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كۈنى كەچتە يېزا رەھبەرلىرىگە يالۋۇرۇپ 400 يۈەن جەرىمانە تۆلەپ تۇراخاننى ئۆيىگە قايتۇرۇپ چىققان.

تۇراخان يېزا سولاقخانىسىغا ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن مەجبۇرىي ھالدا سىياسىي ئۆگىنىش قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئۇ ئاياللارغا مەخسۇس ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەيدىغان مەسئۇل خادىمنىڭ سولاپ قويۇلغان ئاياللارغا قانداق تەربىيە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بىزگە مودا ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرى رەسىم بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن كىتاب تارقىتىپ بەردى. ئۇنى ئوبدان ئوقۇپ ئۆگىنىش قىلىسىلەر دەيدۇ. بىز نېمىنى ئۆگىنىمىز دېسەك، ئۇ ‹سىلەر ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ. ھۆكۈمەت سىلەرگە شۇنچە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋاتسا، ھەرقايسىڭلار نېمىشقا يوغان ياغلىقىڭلارنى پېرىجىخاندەك چېگىپ، باخشىدەك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ يۈرىسىلەر؟ زامانغا لايىق قىسقا ۋە ئەپلىك كىيىنىپ يۈرسەڭلار بولمامدۇ؟ بۇنداق كىيىنىپ يۈرسەڭلار ئەرلىرىڭلار تاشلىۋەتمەمدۇ؟ ھۆكۈمەت يوللىرىڭلارنى ياساپ، ئۆيلىرىڭلارنى ئازادە قىلىپ بېرىۋاتسا، نېمىشقا گەپ ئاڭلىماي، قىلما دېگەن ئىشنى قىلىسىلەر، ھۆكۈمەت سىلەرگە نېمە يامانلىق قىلدى؟› دەيدۇ. بىز ‹كىيىم-كېچەك كىيىشنىمۇ سىلەردىن سورامدۇق، بىز ئىسلام دىنىدىكى مۇسۇلمانلار بولغاندىكىن ئۆز دىنىمىزنى قوغداش ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ دىنىمىزنىڭ قائىدىسى بويىچە بېشىمىزغا ياغلىق سېلىپ، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيسەك بولمامدىكەن؟ ئۇنىڭ كىمگە زىيىنى بار ئىكەن؟ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن بولساق، ئۇنى بەدىنىمىز كۆتۈرىدۇ، ھېچقاچان سىلەرگە ئېغىرىمىزنى ئارتىپ قويمىدۇق. ئەرلىرىمىزمۇ شۇنداق كىيىنىشىمىزگە قوشۇلغان،› دەپ تۇرۇۋالدۇق. ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ، ‹بىز بىلەن تاكاللاشتىڭلار، بۇ يەردە ئۆگىنىش قىلىپ كاللاڭلارنى ئۆزگەرتىسىلەر،› دەپ رەسىملىك كىتابلارنى تاشلاپ بەردى. سولاقخانىدىكى 20 گە يېقىن ئايال ئۇ كىتابلارنى ئوقۇشنى رەت قىلىپ جىم ئولتۇرۇۋالدۇق. ئائىلىسىدىن ئادەم كېلىپ جەرىمانە تۆلىيەلىگەن ئاياللار سولاقخانىدىن چىقىپ كەتتى. قالغانلىرىمىزنى مەجبۇرىي ئۆگىنىش قىلىسىلەر دەپ تۇتۇپ قالدى. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر مېنى شۇ كۈنى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن 400 يۈەن پۇل تۆلەپ قايتۇرۇپ چىقتى.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ھازىر رادىئو-تېلېۋىزىيەدىمۇ شۇ گەپ. ھە دېسىلا ئاياللارنىڭ ‹قانۇنسىز دىنىي كىيىم› لەرنى كىيىشىنى چەكلەش، غەيرىي كىيىنگەن ۋە روپاش سالغان ئاياللارنى تۇتۇش توغرىلىق تەشۋىقات قىلىۋاتىدۇ. تام-تاملاردا يوغان رەسىملىك ئېلانلار چاپلاقلىق.»

تۇراخان يەنە ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتىغىمۇ چەك قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى:
«ھازىر-ساقال-بۇرۇت قويىدىغان ئەرلەرمۇ ئازىيىپ كەتتى. ئەگەر كوچىدا ساقىلى بار كىشىنى كۆرۈپ قالسا شۇ ھامان تارتىپ ئەكىرىپ، ساقال-بۇرۇتىنى چۈشۈرۈپ غىرداپ قويىدۇ.»

ئۇ دائىرىلەرنىڭ پەقەتلا ئۇزۇن كىيىم كىيىپ، بېشىغا ياغلىق سالغان ئاياللارنى توسۇپ جەرىمانە ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قىسقا يوپكا كىيىپ، پاچاقلىرىنى ئېچىپ مىللەتنىڭ نورمال كىيىم-كېچەك ئەخلاقىدىن چەتنەپ كەتكەنلەر بىلەن كارى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

تۇراخان ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بېشىدىكى پوسمىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، كۆكتات ۋە باشقا تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلەر ئۈچۈن بازارغا بارغاندىن سىرت، ئادەتتە ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقماس بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.