دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەمەلدارىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى
2015.03.27
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24 - مارت كۈنى گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانىي ياردەمگە مەسئۇل ئالىي كومىسارى چرىستوپھ ستراسسەر ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ ئۇچرىشىشتا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، چرىستوپھ ستراسسەر ئەپەندىگە نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان زۇلۇمى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىنى چەكلەش سىياسىتىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتقان. بۇلاردىن باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان 2014 - يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلات بىلەن ئىز - دىرەكسىز غايىپ بولغان ئۇيغۇرلار ناملىق دوكلاتىنى تەقدىم قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، نۇرغۇن كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.