ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-دېكابىردىن 5-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-01-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

قەشقەردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر تۈركۈملەپ قولغا ئېلىنغان

ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان سىياسىي تۇتقۇندا قەشقەر شەھىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن باي سودىگەرلەردىن تۆت كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەمدە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن يۈك توشۇش مۇلازىمىتى قىلىپ بېيىغان ھەمدە كۆپ جايلاردا يەر-مۈلۈك سېتىۋالغان ئىكەن.

ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئاتالمىش «ئەسەبىيلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىلىك» دېگەن قالپاقلار بىلەن مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قولغا ئېلىنىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.

ئۇيغۇر دىيارىدا تىغلىق ئەسۋابلارغا ئارخىپ تۇرغۇزۇلماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىغلىق ئەسۋابلارغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆپلىگەن ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىككىلىك كود قويدۇرۇش خىزمىتى ئۆتكەن يىلى ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەرگە ئومۇملاشتۇرۇلغان. ھازىر بولسا 31-دېكابىرغىچە بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىككىلىك كود ئۇردۇرۇشنى تاماملىشى، رىئايە قىلمىغانلارنىڭ بارلىق ئاقىۋەتلەرگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقى تەلەپ قىلىنماقتا ئىكەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ ھادىسە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرقاچان قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى 2-يانۋار خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان رەسمىي مەلۇماتلاردا يەر ئالدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىشنىڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىگە سەل قارالغانلىقى، بولۇپمۇ زور كۆلەمدىكى قانۇنسىز زاۋۇتلارنىڭ بايلىق قېزىشى ئارقىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ بايلىقى ۋە ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋاسىتىلىك يوسۇندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدۇر،» دېدى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈركىيەدىكى تەشۋىقاتى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان «19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ چەتئەللەردىكى ئاۋانگارت مەيدانلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيەگە سوزۇلغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەنقەرەدە «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى پۇرسەتلەر: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش» ماۋزۇلۇق يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان.

پائالىيەتچىلەر ۋە ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بىر ئۆتكۈنچى ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى غەرب قەلەمكەشلىرىنىڭ تەسۋىرىدە ئەكس ئەتمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە روياپقا چىقىۋاتقان جىددىي ئۆزگىرىشلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن يەر ئېلىش بىلەن بىرگە، غەرب دۇنياسىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ تېما بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. گېرمانىيەلىك يازغۇچى ئىنگرىد ۋىديارتو خانىمنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق ئەسىرى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

ئىنگرىد خانىمنىڭ بۇ كىتابىدا نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 20 گە يېقىن ئۇيغۇر ياشنىڭ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرى ھېكايىلەشتۈرۈلگەن. ھەقىقىي ۋەقەلەر ئاساسىدىكى بۇ ھېكايىلەردە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئاپتور بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ياۋروپالىقلارغا ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان ئۇيغۇر خەلقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار 25-دېكابىردىن 28-دېكابىرغىچە «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇشۇ نامدىكى مۇسابىقىنىڭ 11-قېتىملىقى بولۇپ، ئوخشىمىغان ياش گۇرۇپپىلىرى بويىچە تەشكىللەنگەن كوماندىلار مۇسابىقىگە قاتناشقان. مۇسابىقىگە قاتناشقان توپچىلاردىن بىرەيلەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز بۇ مەيداندا توپلا تەپمىدۇق، بەلكى ئۇيغۇرلارنى ئەركىن نەپەس ئالدۇرمىغان خىتاي زۇلۇمىنى تەپتۇق،» دېدى.

ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئادېلەيد شەھىرى بىرىنچى كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ مۇسابىقىگە يۇغۇرى باھا بەردى.

تولۇق بەت