ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6-يانۋاردىن 12-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-01-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

خالمۇرات غوپۇرنىڭ «سىياسىي مەسىلە» سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممىگە تونۇشلۇق زىيالىي ۋە رەھبىرىي كادىر بولغان دوكتور خالمۇرات غوپۇرنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «سىياسىي مەسىلە» بويىچە تەكشۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خالمۇرات غوپۇر نۆۋەتتە «ئىككى يۈزلىمىچى» لىك بىلەن ئەيىبلەنمەكتىكەن. ئۇ رەھبىرىي ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە باشقا مىللىي سىياسەتلىرىنى «قەتئىيلىك بىلەن» ئىجرا قىلمىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خالمۇرات غوپۇر دۇچ كەلگەن قىسمەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىنىڭ بىر تۈرلۈك بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«دىنىي ئەسەبىيلىك» سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۆپ سودىگەرلەر قولغا ئېلىنماقتا


ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى يۇغۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان سىياسىي تۇتقۇندا «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ ئىزچىل بىر مۇھىم سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا قەشقەردىكى «ئەزىز دىيار سودا سارىيى» نىڭ ساھىبى مەمەتتۇرسۇن ھاجىنىڭ تاراۋى نامىزىنى 20 رەكەت ئوقۇش ئورنىغا سەككىز رەكەت ئوقۇشى، «ئەمىن سودا سارىيى» نىڭ ساھىبى غېنى ھاجىنىڭ نەزىر ئېشى يېيىشنى رەت قىلىشى قاتارلىق خۇسۇسىي تاللاشلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىك» دەپ قارالغانلىقى مەلۇم بولدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشتا ئىزچىل يېڭى شەكىللەرنى ‹ئىجاد› قىلماقتا،» دېدى.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئىجارە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەتى دەخلىگە ئۇچراشقا باشلىدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي تەقىبلەردىن دالدىلىنىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. يېقىندا بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقان يېڭى بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى.

بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار كىشىلەر مەلۇمات بېرىشىچە، ھازىر خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۆي-زېمىن ئىگىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆيلىرىنى باشقىلارغا ئىجارە بەرگەنلەرنىڭ تېزدىن ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا بېرىپ ئىگىدارلىق رەسمىيەتلىرىنى يېڭىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا بۇنى ۋاكالىتەن بېجىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ۋەتەندە قالغان مال-مۈلكىدىن ھەمدە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىدىن ۋاز كېچىشتىن باشقا يول قالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى «غالچا» لىققا رىغبەتلەندۈرمەكتە

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە تەقىب قىلىش ھەرىكەتلىرىدە يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن «غالچا» بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا قەشقەر يېڭىبازار ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ئابلەت تۇراپنىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش» جەريانىدا پاسسىپلىق ۋە «ئىككى يۈزلىمىلىك» قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلىدىكى قەشقەر تاختاكۆۋرۈك ھۇجۇمىدىكى باش گۇماندار ئاتاۋۇللا داۋۇتنى ئېتىۋەتكەن چاسا كۆۋرۈك ساقچىخانا باشلىقى ئالىمجان يېقىندا ئۆستۈرۈلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش› تەك كونا ئۇسۇللىرىنىڭ زامانىمىزدا قايتىدىن تەتبىقلىنىشى،» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى

8-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيۇ ۋە ئۇنىڭ ئورۇنباسارى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا چېن چۇەنگو ھوقۇق تۇتقاندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇن، تەقىب ۋە كونتروللۇقنىڭ ئەڭ يۇغۇرى پەللىگە چىققانلىقى، بۇ ھالنىڭ كىشىلەرنى رادىكاللىشىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ باياناتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 2018-يىللىق پائالىيەتلىرى باشلاندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى يىللىق تۇنجى خەلقئارالىق پائالىيىتى بۇ يىل 10-يانۋاردىن باشلانغان ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارەتتىن باشلاندى. رەئىس دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلغا كېلىپ، ئالاقىدار زاتلار بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەشتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇماتلار بېرىش شۇنىڭدەك نۆۋەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر توغرىلىق ياردەم سوراش مۇھىم نۇقتا بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زاتلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

تولۇق بەت