ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-يانۋاردىن 27-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.01.27
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

رابىيە قادىر خانىم تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا تېخى ئىلتىماس سۇنمىغانلىقىنى بىلدۈردى

تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلار يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا رەسمىي تەكلىپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى «تەيۋەن بىرلىكى ئىتتىپاقى» سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتىدىن رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ تېخىچە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا ئىلتىماس سۇنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇش مەسىلىسىنىڭ كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شايار قاتارلىق جايلاردا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» شەكلىدىكى مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنلىرى ئېچىلماقتىكەن

ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان مەكتۇپىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە شايار ناھىيىسىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا «مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنى» ئۇيۇشتۇرماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 8 گىچە داۋام قىلىۋاتقان بۇ مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنىدا، يەرلىك ئاھالىلەر ئىلگىرى بىلىپ ياكى بىلمەي سادىر قىلغان «جىنايى قىلمىش» لىرىنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇرلانماقتىكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاياردىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ بايانلىرى بىلەن ئۈندىداردا تارقالغان ئاۋازلىق يىغىن چاقىرىقى مەزكۇر مەكتۇپتا دېيىلگەنلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە.

خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ئويلىغاندەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقى مەلۇم

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېڭىدىن تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر بىر خىتاي كادىر ئائىلىسىنىڭ بىردىن ئۇيغۇر تۇغقىنى بولۇشى ۋە ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ئائىلىسىنىڭ بىردىن خىتاي تۇغقىنى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، چېن چۈەنگونىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ رايوندا ئۆزى كۈتكەندەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقى مەلۇم.

سىياسىي ئانالىزچىلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

دائىرىلەرنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى ساقچىخانىسى ئادەم تەشكىللەپ ئايدۆڭ مەسچىتى ئىمامىنىڭ ئۆيىنى ئاقتۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆيدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن گۇمانلانغان ساقچىلار ئاختۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ يەر ئاستى ئۆيىدە دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان 10 نەچچە بالىنى بايقىغان. بۇنىڭ بىلەن ساقچىلارنىڭ مەزكۇر ئىمام ۋە تالىپ بالىلار، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم. غۇلجىدىكى ساقچى دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئايدۆڭدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئىنكار قىلمىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي جەھەتتىن باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

خىتاي ئەسكەرلىرى غۇلجا شەھىرىدە برونېۋىك ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن يۈرۈش قىلغان

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-يانۋاردىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ، خىتاي ئەسكەرلىرى برونېۋىك ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ ھەيۋە كۆرسىتىشكە باشلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، غۇلجىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش ئۇقتۇرۇلغان. بەزى جايلاردا ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ھال شەھەر خەلقىدە ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتىكەن. تۆنۈگۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىمۇ بۇ ئەھۋالنى دەلىللىمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا «7 نى چەكلەش بەلگىلىمىسى» يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىگە دائىر «7 ماددىلىق بەلگىلىمە» ئېلان قىلىنغان.

بۇ ھەقتە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئېچىلغان بىر يىغىندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس پىلانلىرى بىلەن ھەر سائەتلىك دەرس تەييارلىقى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارغا دىنىي ئېتىقاد ياكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر سىياسىي بېسىمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.