ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18-فېۋرالدىن 24-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-02-24
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

خىتاي تاراتقۇلىرى 14-فېۋرال كۈنى گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانىنى ئاخباراتتىن يوشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا پىچاقلىق ھۇجۇمنى ئۆمەر ئابدۇراخمان، مەمتىمىن ئابدۇراخمان ۋە ئەخمەت ئەلى قاتارلىق 3 كىشى ئېلىپ بارغانلىقى، ھۇجۇمدا باج ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى بىلەن ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سېكرېتارىنىڭ ئايالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

گۇمىدىكى بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئابدۇراخمان رەھمىتۇللا ئائىلىسى توپلىشىپ ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان. ئۇلار يەنە 14-فېۋرال كۈنى ساقچىغا چاقىرتىلغاندا مەزكۇر ۋەقەنى پەيدا قىلغان ئىكەن.

قاراقاش ناھىيىسىدە 3 نەپەر ئۇيغۇر كادىر «28‏-دېكابىر ۋەقەسى» دە بىپەرۋالىق قىلغان، دەپ قولغا ئېلىنغان

ئىگىلىنىشىچە، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلى غوجائابدۇللا، ياۋا يېزا جاھانباغ كەنتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى مەمەتنىياز يۈسۈپ، جۈمەبازار كەنتىنىڭ سېكرېتارى ئابدۇمەمەت سادىر قاتارلىق 3 كىشى يېقىندا رەسمىي قولغا ئېلىنغان.

خوتەن ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ 3 نەپەر ئۇيغۇر كادىرغا رەسمىي دېلو تۇرغۇزغانلىقى، ئۇلارنى ئۆتكەن يىلى 28‏-دېكابىردىكى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە «بىپەرۋالىق قىلغان»، دەپ ئەيىبلىگەنلىكى مەلۇم.

قاراقاش ناھىيەسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدا يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلماقتىكەن

ئۆتكەن ھەپتە بايىنغولىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى يۈك ئاپتوموبىلى ۋە باشقا بارلىق چوڭ تىپتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە «بەيدۇ سۈنئىي ھەمراھىدا ئورۇن بەلگىلەش بىخەتەرلىك نازارەت سىستېمىسى» نى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ئىشى يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى تارىم قاتناش باشقۇرۇش ئەترىتىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى خادىمى، مەزكۇر سىستېمىنىڭ 20‏-فېۋرالدىن باشلاپ ئاپتوموبىللارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى دەلىللىدى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى تەشۋىقاتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا

چېن چۈەنگونىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ رايوندا مىللەتلەر ئارا تويلىشىشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر جايدا «ئاينۇرگۇل بىلەن تيەن چاڭشىڭ (قەيسەرجان) نىڭ نىكاھ تويىغا مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان بىر توي مۇراسىمى ھەققىدىكى سۈرەتلىك خەۋەرلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

بۇ ھادىسە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن رۇقىيە تۇردۇش خانىم «مەختۇمسۇلا، سىز نەدە؟» ناملىق ئاۋازلىق ماقالىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ رايوندىكى ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنىڭ چېقىلىدىغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا

مەلۇم بولۇشىچە، 18-فېۋرال كۈنى ئېچىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا كەلگۈسىدىكى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانى تەستىقلانغان.

130 مىليارد سوم مەبلەغ سېلىنىش مۆلچەرلەنگەن بۇ پىلاندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كونا شەھەر رايونى چېقىپ تاشلىنىپ، قايتىدىن ياسىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق خەلقئارا ئىقتىساد ئىلمىي مۇتەخەسسىسى، دوكتور پەرھات بىلگىن بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى.

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ «7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن «7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىلى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ماگىستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى.

يىغىنغا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ستۇدېنتلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر بولۇپ، 150 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئانا تىلدا مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ «ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپىدا ئانا تىلنىڭ رولى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئانا تىلنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تولۇق بەت