ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-فېۋرالدىن 3-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.03
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

خىتاي ئاخباراتتىن مەخپىي تۇتقان يەنە بىر ۋەقە - «9-فېۋرال يېڭىسار پالتىلىق ھۇجۇمى» ئاشكارىلاندى

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخباراتتىن مەخپىي تۇتقان يەنە بىر ۋەقە - «9-فېۋرال يېڭىسار پالتىلىق ھۇجۇمى» رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، 9-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭىسار ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا پالتىلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 4 كىشى ئۆلۈپ، بىر كىشى يارىلانغان.

يېڭىساردىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچى مەمەت ئەلى 8 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ناۋايلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. پالتىلىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر يېڭىسار ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ سېسترالار باشلىقى جاڭ سەيشيا، سېتىل يېزا 3‏-كەنتنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئابدۇخالىق ۋە يېڭىسار بازىرىدىكى ئىككى نەپەر خىتاي دۇكاندار ئىكەن.

گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن كېرىيە، چىرا ناھىيەلىرى يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچى ۋە چارلاش خادىمى ياللىغان

14-فېۋرال كۈنى گۇما ناھىيەسىدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 6 نەپەر خىتاي ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە جىددىيلەشكەن.

خوتەننىڭ كېرىيە ۋە چىرا ناھىيەلىرى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچى، ئامانلىق خادىمى ۋە چارلاش خادىمى ياللىغانلىقى مەلۇم.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار ۋە سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى ھەمدە ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ 48 سائەت ئۇلاپ ئىشلەۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 1‏-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، بىر قىسىم مەجلىس ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەمدە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم كونكرېت مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن رورا باكىر ئەپەندى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىرىستوفىر سېمىت قاتارلىقلار رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قىسىم تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان. رابىيە خانىم زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بىلدۈردى.

«1-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» سىپرۇستا ئۆتكۈزۈلدى

«1-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، جامائەت ئەربابلىرى، ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ باش قوشۇشى بىلەن 25-فېۋرالدىن 27-فېۋرالغىچە شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان بۇ ئۇچرىشىشقا دۇنيادىكى 12 دۆلەتتىن كەلگەن 19 كىشى قاتناشقان.

مەزكۇر ئۇچرىشىشتا نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي رېئاللىق مۇھاكىمە قىلىنغان شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلگەن. يىغىن تەشكىللىگۈچى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» نىڭ 26 خىل ئىپادىسىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار دائىرىلىرى يېقىندا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، يەرلىك ئورگانلاردىن «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» نىڭ 26 خىل ئىپادىسىنى چەكلەش قارارىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر ھۆججەتنىڭ قاچان چۈشۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم ئەمەس. كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ دائىرىلەر رايوندا «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشقا قەسەم قىلىپ، قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

يەرلىك كەنت كادىرلىرى نۆۋەتتە مەسچىتلەر بىلەن ۋە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى دىنىي چەكلىمىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا «دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئەھدىنامە» يېزىش ھەرىكىتى قوزغالغان

ئىگىلىنىشىچە، گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قەدەر كېڭەيگەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا.

نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ۋە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشى ياكى ئەھدىنامە يېزىشى تەلەپ قىلىنغان.

بىلىم يۇرتلىرىدىكى بۇ سىياسىي دولقۇن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.