ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1-ئاپرېلدىن 7-ئاپرېلغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-04-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

1990 يىلى 5-ئاپرېلدا يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى تەسىرى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى.

بارىن ئىنقىلابىغا 27 بولغان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئۇنتۇلماس تارىخنى خاتىرىلىدى.

ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتى 2-ئاپرېل كۈنى گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ زالىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بارىن ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.

دائىرىلەر گۇما ناھىيەسىدە «قانۇنسىز بۇيۇملار»نى ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان

يېقىندا «نىدا تور رادىيوسى» خەۋەر بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 3‏-مارت كۈنى گۇما ناھىيەسىدە ئۆي ئاختۇرۇپ، دىنىي كىتاب، چۈمبەل-پەرەنجە، دىنىي تۈستىكى كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ئاتالمىش «قانۇنسىز بۇيۇملار» نى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى يېزا مەيدانىغا توپلاپ كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رادىيومىز مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن، گۇما ناھىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلىدى.

گۇمىدىكى يەرلىك ساقچىخانىلار ناھىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كىرىپ، ئاتالمىش «قانۇنسىز بۇيۇملار» نى يىغىۋالغانلىقىنى دەلىللىدى.

پامىر ئېگىزلىكىدىكى قىرغىز مالچىلار چېگرا بويلىرىدا «پايلاقچىلىق» قىلىشقا زورلانغان

31-مارت كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بىلەن ئوبلاست باشلىقى بىرلىكتە «قىرغىز مالچىلىرىغا ئوچۇق خەت» ئېلان قىلغان.

مەزكۇر «ئوچۇق خەت» تە پامىر ئېگىزلىكىدىكى «ھەر بىر كىگىز ئۆينى بىردىن قاراۋۇلخانىغا، ھەر بىر قىرغىز مالچىنى بىردىن چېگرا قاراۋۇلىغا ئايلاندۇرۇش» تەلەپ قىلىنغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئىككى ساقچىخانا ئوبلاست باشلىقلىرى چۈشۈرگەن مەزكۇر «سىياسىي ۋەزىپە» نىڭ نۆۋەتتە قىرغىز ئاۋۇللىرىدا جىددىي تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا تۆت نەپەر ۋەزىپىسىز دىنىي زات «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە سولىۋېلىنغان

ئىگىلىشىمىزچە، بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە دائىرىلەر ئاتۇشتا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، سابىق مەھبۇسلار بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلارنىمۇ تۇتقۇن قىلغان.

رادىيومىزنىڭ ئاتۇشتىكى كەنت سېكرېتارلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزا يۇقىرى مەھەللە كەنتىدىن 4 نەپەر ۋەزىپىسىز دىنىي زاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەيسا قارى ئىسىملىك دىنىي زاتنىڭ تېخى يېقىندىلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، ئەمما بىرلىكسەپتىن تېخى مائاش ئېلىۋاتقان بىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تۈركۈملەپ ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى

بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق جەنۇبتىكى سەزگۈر رايونلىرىدا مىڭلىغان ياردەمچى ساقچى ياكى چارلاش خادىملىرى قوبۇل قىلغانلىقى مەلۇم.

خوتەننىڭ كېرىيە، چىرا ۋە لوپ ناھىيەلىرى شۇنداقلا قىزىلسۇنىڭ ئاتۇش شەھىرى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىدە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچىنىڭ جىددىي مەشقلەندۈرۈلۈۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ ۋە تۇرپاندىكى ساقچىخانىلارمۇ يېقىندىن بۇيان نەچچە يۈزلىگەن ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دائىرىلەر «دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈرگۈزمەكتىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۈندىداردا «ئاللا، خۇدا، شۈكرى، تۈرك، تۈركىيە بايرىقى، سەئۇدى ئەرەبىستان بايرىقى، سەبىر، ناماز» قاتارلىق بىر يۈرۈش سۆزلۈكلەرنى قوللىنىشنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

يەكەن ناھىيەسىدىكى ساقچى ئورگانلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈندىدار ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئىشلىتىشنىڭ «قانۇنسىزلىق» بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تولۇق بەت