ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6-مايدىن 12-مايغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.05.12
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتىلىشىگە قارىتا بىرلەشمە ئىنكاس قايتۇردى

8-ماي كۈنى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» قاتارلىق خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ نيۇيوركتىكى ب د ت يىغىن مەيدانىدىن چىقىرىۋېتىلىشىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈردى.

26-ئاپرېل كۈنى ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەڭگۈلۈك مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن يىغىن مەيدانىدىن مەجبۇرىي ھالدا سىرتقا چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

بۇ ئەھۋال دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. دولقۇن ئەيسا: «بۇ خىتاينىڭ بېسىمى ئارقىسىدا يۈز بەرگەن ۋاقىتلىق بىر ھادىسە. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت مۇنبىرىدە ئاڭلىتىلىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېدى.

چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى «سىياسىي ئۆگىنىش كۇرسى» غا يىغىۋېلىنماقتىكەن

چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ياكى ساياھەتكە بارغانلارنىڭ «ئۈچ خىل ئۆگىنىش» كە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى تۇرپان ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، دائىرىلەرنىڭ چەتئەلدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن قايتىپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يىغىپ، «سىياسىي ئۆگىنىش» كە تەشكىللەۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

مىسىر ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار رادىيومىزغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە ئۆزلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەقىپلەرنى ئاڭلاتتى.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلۇق يېڭى ئورگان تەسىس قىلغان

4‏-ماي كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى قارمىقىدا «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلۇق بىر يېڭى ئورگان تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ «9‏-ئىدارىسى» دەپ ئاتالغان بۇ ئورگاننىڭ ئاچقۇچلۇق خىزمەت فۇنكسىيەسى ئۇيغۇر ئېلىغا دائىر ئاخبارات توپلاش، خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر رايونىغا دائىر مەسىلىلەردە مەسلىھەت بېرىش ۋە سىياسەت بەلگىلەش ئىكەن.

چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بېيجىڭدا «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل بۇنداق يېڭى ئورگان تەسىس قىلىشى ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدىن بولغان، دەپ قارىماقتا.

خوتەندىكى ساقچىخانىلار ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللامنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىدى

ئالدىنقى ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، خوتەن ناۋاغ جامەسىنىڭ خاتىپى ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللامنىڭ قولغا ئېلىنىپ، 3 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، خوتەندىكى ساقچىخانىلار بىلەن قانۇن ئورگانلىرى ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللامنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسى ئابدۇللەتىپ ئابدۇرەھىم داموللامنىڭ دېلوسىنىڭ تەپتىش ۋە سوتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

پەيزىۋاتتا «قۇرئان كەرىم» نىڭ 2012‏-يىلدىن ئاۋۋالقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يىغىۋېلىنغان

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «3 قانۇنسىز بۇيۇم» نى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى داۋامىدا «قۇرئان كەرىم» نىڭ 2012‏-يىلدىن ئاۋۋالقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىككى كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «ئەسەبىيلىك ئالامەتلىرى بار» دەپ قارالغان بۇ تۈردىكى دىنىي كىتابلار نۆۋەتتە بارىن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئامبىرىدا پېچەتلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە قاراتقان چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى.

دائىرىلەر ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى يەنە كۈچەيتىشكە باشلىغان

خىتاينىڭ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا تەشكىللىك يۆتكەۋاتقانلىقىغا 10 يىل بولۇپ قالدى.

يېقىندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر 10-ئاپرېلدىكى تېلېفون يىغىنىدا كەلگۈسىدىكى 3 يىل ئىچىدە قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن 100 مىڭ نەپەر يېزا ئەمگەك كۈچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش» تىكى سىياسىي مەقسىتىنى تەنقىد قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.