ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-مايدىن 27-مايغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.05.27
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىدە بايانات ئېلان قىلدى

25-ماي چۈشتىن كېيىن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توكيودىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بايانات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ۋە ژۇرنالىستلار قاتناشتى.

رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى ھەمدە ياپونىيەدە ئېچىلىۋاتقان «تەرەققىي تاپقان يەتتە دۆلەت يىغىنى» دا بۇ مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئىلھام توختىغا مارتېن ئەننالس مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مارتېن ئەننالس فوندى ۋە باشقا بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىللىق «مارتېن ئەننالس مۇكاپاتى» غا ئاخىرقى ئۈچ نامزاتنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى.

«مارتېن ئەننالس فوندى» نىڭ دىرېكتورى مايكېل خامباتتا بىلەن «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفىيە رېچاردسون خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار بىردەك: «گەرچە ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىگە ئۆمۈرلۈك قامالغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ھېچقاچان ئۇنى ئۇنتۇمايدۇ. دۇنيا ئىلھام توختى بىلەن بىللە!» دېدى.

«مارتېن ئەننالس فوندى» نىڭ باشقۇرۇشىدىكى «مارتېن ئەننالس مۇكاپاتى» 1993 - يىلى شىۋېتسارىيەدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ «نوبېل مۇكاپاتى» دەپ تەرىپلەيدىكەن.

بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا پۈتۈن خىتايدىن 12 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن 11 مىڭ 853 نەپەر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسىي مائارىپ سىستېمىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە سەپلىنىدىكەن. مائارىپ نازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ 70 % جەنۇبتىكى يېزا-بازار ۋە كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي مائارىپ سېپىدىن سىقىپ چىقىرىپ، خىتايچە يەككە تىللىق مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشنى تېزلىتىش تەدبىرىدۇر، دەپ قارىماقتا.

ياۋروپادىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلار ئۆز ھېكايىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش روھىنى نامايان قىلدى

ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا جامائەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بىر جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزدى. بۇ جەرياندا ئۇلار جاپالىق ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق ئۆزلىرى يەرلەشكەن ئىككىنچى ۋەتىنىدە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن ۋە فرانكفۇرت، فىرانسىيەنىڭ پارىژ، گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام ۋە روتتېردام ۋە شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر رېستورانلىرى بىلەن تۈرلۈك دۇكانلار پەيدا بولماقتا.

ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى بايانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش روھىنى نامايان قىلماقتا.

كۇچا ئالاقاغادىكى مەھەللە باشلىقلىرى مال دوختۇر مەمەت ئىبراھىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى

شىۋېتسىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مال دوختۇر مەمەت ئىبراھىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە تۇنجى قېتىم خەۋەر تارقاتقان ئىدى.

ھالبۇكى، ئالاقاغا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ خادىملىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئەمما رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالاقاغا يېزىسىنىڭ قاناس ۋە قىتات كەنتلىرىدىكى ئىككى نەپەر مەھەللە باشلىقى مەمەت ئىبراھىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئۇلار يەنە تۈرمىدە ئۆلگەن مال دوختۇر مەمەت ئىبراھىمنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بارلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان بەھرەم ئەخمەت ئۆزىنىڭ خاتا سوتلانغانلىقىنى بىلدۈردى

قىرغىزىستان سوتى 2000‏-يىلى ئەسقەر توختى، بەھرام ئەخمەت قاتارلىق 2 ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر گۇماندارغا ئۆلۈم جازاسى، ئەلى مەسۇم ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇرغا 20 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

قىرغىزىستان سوتى ئەينى ۋاقىتتا بۇ دېلونى 1998‏‏-يىلى ئوش شەھىرىدە يۈز بەرگەن «ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى» گە باغلىغان. ھالبۇكى، ئەينى چاغدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى يۇقىرىقى 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

2007-يىلى ئۆلۈم جازاسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن مەھبۇس بەھرام ئەمەت تۈرمە ھاياتى 18-يىلىغا قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ ناھەق سوتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستاندىكى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى دىلمۇرات ئەكبەر بىلەن ئادۋوكات مەۋلۇدە جالالىۋامۇ مەزكۇر دېلو ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.