ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-06-09
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

بىريۇسسېلدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

2-ئىيۇن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدىراتسىيەسى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە بېلگىيە تىبەت تەشكىلاتى بىرلىكتە بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا كومىتېتى ئالدىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۇيۇشتۇردى. 

نامايىشقا ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت جامائىتى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى تەشكىلات ۋە شەخسلەر قاتناشتى.

پۇت، قوللىرىغا زەنجىر-كىشەن باغلاپ، قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرگەن بىر ئۇيغۇر نامايىشچىنىڭ نەق مەيداندىكى جاراڭلىق بايانلىرى ئەتراپتىكىلەردە چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلدى. 

ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە خىتاي ئەسكەرلىرىدىن ئوق يىگەن ساقچى باشلىقى ئەسقەر قۇددۇس ئۆستۈرۈلگەن

بۇ يىل خىتاي بويىچە مۇكاپاتلانغان مەملىكەتلىك ساقچى قەھرىمانلىرى تىزىملىكىدە يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئەسقەر قۇددۇسنىڭ ئىسمى ئۇچرايدۇ.

رادىيومىزنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، ئاتالمىش «مەملىكەتلىك ساقچى قەھرىمانى» ئەسقەر قۇددۇسنىڭ يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا پۇتىدىن يارىلانغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەلىي ئۆستۈرۈلۈپ، يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىكەن. 

يەكەندىكى ساقچىخانىلار ئۇنىڭ بۇ قېتىم «مەملىكەتلىك ساقچى قەھرىمانى» بولۇشىدا ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە ئوق يىگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خوتەندە ساقچىلارنىڭ چارچاش سەۋەبىدىن ھوشىدىن كېتىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆرۈلمەكتىكەن

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خوتەندە بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ قاتتىق چارچاش تۈپەيلىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ نەق مەيداندا ئۆلۈپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، خوتەندىكى ساقچىلارنىڭ يېقىنقى 4 ئايدىن بۇيان بىر كۈنمۇ دەم ئالماي، 48 سائەتتىن ئۇدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

كېرىيە ناھىيىسىدىكى ساقچىخانىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئايدا كېرىيەدە بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچى قاتتىق چارچاش تۈپەيلىدىن ئۆلگەن، بىرقانچە ساقچى ئىش ئورنىدا يىقىلىپ چۈشۈپ ھوشىدىن كەتكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلار «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» دىكى بايانلارغا رەددىيە بەردى

1-ئىيۇن كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ «ئاپتونومىيە ھوقۇقى» دىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ «قانۇنلۇق دىنىي ئېتىقادى» نىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتاب» ئىدىكى بايانلارغا رەددىيە بەردى. 

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سودا ئالاقىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە دۇكان ئاچقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەللەردە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا مال سېلىشى ياكى پۇل ئەۋەتىشى توسۇۋېتىلگەن.

ئىستانبۇلدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال سودىگەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈركىيەدە «شىنجاڭ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى» نى قۇرغان سابىر بۇغرادىن باشقا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مال سېلىشى كاشىلىغا ئۇچرىماقتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرىغا قارىتا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى تەقىپنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنى يېقىندا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا قاراتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلاردىن «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان بىر قىسىم داڭلىق تارىخىي رومانلارنى قايتىدىن تەكشۈرۈشكە باشلىغان. 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، شائىر ئىمىن ئەخمىدى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

تولۇق بەت