ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-ئىيۇندىن 16-ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.06.16
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىغىنى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۋەدە باشلاندى. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. 

12-ئىيۇن كۈنى جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا سۆزگە چىققان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز نۇتقىدا «شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى يۈكسەك پەللىگە يەتتى» دەپ كۆرسەتتى. 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» دە بايانات ئېلان قىلدى

ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» دۇر. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى 2015-يىلىدىن بۇيان، ھەر يىلىنىڭ 15-ئىيۇن كۈنىدە ئانا تىلغا دائىر تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» نى تەبرىكلەپ كەلمەكتە.

بۇ يىللىق «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» دە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ جان تومۇرى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى. 

غايىب بولغان رىزۋانگۈل تۇرسۇننىڭ دادىسى ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى

2014‏-يىلى ۋېيتنامدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن رىزۋانگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر قىز 3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان بولۇپ، ئائىلىسى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

رادىيومىز بۇ ھەقتە قاغىلىقتىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچى تەرەپ رىزۋانگۈل تۇرسۇن توغرىلىق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

غايىب رىزۋانگۈل تۇرسۇننىڭ ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان دادىسى تۇرسۇنجان سەمەت رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلە ئەھۋالى ۋە قىزى رىزۋانگۈلنىڭ يوقاپ كېتىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا قازاقلارغا قاراتقان نىسبەتەن يۇمشاق سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكى مەلۇم

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىللاردىن بۇيان قازاقلارغا قاراتقان يۇمشاق سىياسىتىدە يېقىندىن بۇيان ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بىر نەپەر قازاق ئاڭلارمەننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن يۇقىرى بېسىملىق دىنىي چەكلىمە ۋە سىياسىي تەقىپلىرىنى نۆۋەتتە قازاقلارغىمۇ قاراتماقتىكەن.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەزكۇر قازاق ئاڭلارمەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قازاقلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋالغاندىن باشقا، ھەتتا قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەن قازاقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىماقتىكەن.

«ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيىلەش مەركەزلىرى» تۈرمىدىنمۇ چىڭ باشقۇرۇلماقتىكەن

بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى دىنىي چەكلىمە سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرغان بولدى. 

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» بويىچە تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ئاي-ئايلاپ سىياسىي ئۈگىنىش قىلدۇرۇلماقتىكەن. پۈتۈنلەي يېپىق شەكىلدىكى بۇ ئورۇنلارنىڭ تۈرمىدىنمۇ قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ساقچىخانا ۋە تۈرمە دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەھبۇسلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور ھەبىبۇللا توختىنىڭ كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2015‏-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور ھەبىبۇللا توختىنىڭ خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زەرەر يەتكۈزۈش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، دوكتور ھەبىبۇللا توختى شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ خىزمەت تەكلىپىگە بىنائەن 2016‏-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىردىن ئۈرۈمچىگە قايتقان ئىكەن.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، ئۈرۈمچى باخۇلياڭ ساقچىخانىسى گەرچە دوكتور ھەبىبۇللا توختىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئېنىق دەلىللىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇنداق بىر ئېھتىماللىقنىمۇ چەتكە قاقمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.