ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1-ئىيۇلدىن 7-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنىدە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە توپ-توغرا 8 يىل بولغان ئۇنتۇلماس خاتىرە كۈن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شۇ كۈنى ۋاشىنگتوندىكى نامايىشقا قاتناشتى ھەمدە نامايىش ئەھلىگە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت تېررورلۇقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىسىر دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن ئېتىبارەن مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي باستۇرۇپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يۈزدىن ئېشىپ كەتكەن. مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ئېغىر بېسىمى ۋە تەھلىكىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتىنى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىدى.

ۋىرگىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3-نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ۋىرگىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى، ۋىرگىنىيە تەكلىماكان كوماندىسى، كالىفورنىيە ئۇيغۇر كوماندىسى، بوستون-نيۇ يورك بىرلەشمە كوماندىسى ۋە كانادا ئۇيغۇر كوماندىسى بولۇپ، جەمئىي 5 كوماندا مۇسابىقىلەشتى.

ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ۋىرگىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن كالىفورنىيە ئۇيغۇر كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيون بولدى. 

تارقاق ھەج قىلغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ سانجىدا قامالغانلىقى مەلۇم بولماقتا

سانجىدا تۇرۇشلۇق بىر ئادۋوكاتنىڭ رادىيومىزنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، «قانۇنسىز ھەج قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ سانجىدىكى بىر قاماقخانىغا سولانغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا سانجى شەھەرلىك قاماقخانا بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قاماققا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت سانجىدا قامالغانلار ئارىسىدا ئاز ساندا تۇڭگانلار بار بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئاز دېگەندە 20 تۇغقىنى قاماقتا ياتماقتىكەن

يىللاردىن بۇيان چەتئەلدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە دىنىي ئۆلىما ئابدۇقادىر ياپچان خىتاينىڭ بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن تۈركىيەدە ھېلىھەم مىرزا قاماقتا تۇرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق ياپچان يېزىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ چاتما جاۋابكارلىققا تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

رادىيومىزنىڭ ياپچان يېزىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئاز دېگەندە 20 كىشىنىڭ قاماقتا يېتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 3-ئىيۇل كۈنى بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە، خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغا ۋە ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دەلىللىگەن نەچچە ئونلىغان غايىب ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسى تىلغا ئېلىنىپ، 8 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى قاتتىق تەنقىدلەندى.

تولۇق بەت