ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-ئىيۇلدىن 14-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچلىك ياكى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى باھالايدىغان جەدۋەل دەلىللەندى

ئالدىنقى كۈنى فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونىغا قاراشلىق غەربىي خېبېي يولى ئاھالىلەر كومىتېتى چىقارغان بىر ئالاھىدە جەدۋەل ئاشكارىلاندى.

مەزكۇر جەدۋەل نومۇر قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك ياكى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى باھالاشتا ئىشلىتىلىدىكەن ۋە مەخسۇس ئارخىپتا ساقلىنىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مەسئۇل خادىملار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر جەدۋەلنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى مىسىرنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

تۇتقۇندىن قېچىپ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىردىكى ئايرودروم ۋە چېگرا پونكىتلىرىدا داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

13-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى مىسىرنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى ۋە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە قارشى قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

«ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ باشچىلىقىدىكى 7 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى بىرلىكتە تۈزگەن «ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپى قوللانمىسى - ئېلىپبە» ناملىق كىتاب يېقىندا ئىستانبۇلدىكى سىيەر بالىلار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچىلىرى مەزكۇر ئېلىپبە كىتابىغا يۇقىرى باھا بەردى. تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىدىن رۇسلان ئەرزىيېف مەزكۇر ئېلىپبەنىڭ يېڭىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

قەشقەرنىڭ ياپچان يېزىسىدا خىتاي سېكرېتار گې بىڭ ھېيت نامىزىدا مەسچىتكە كىرىپ سۆز قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى مەسچىتلەرنى ئىدارە قىلىشتا ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرى ئىشەنگەن دىنىي زاتلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلاردىن پايدىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىشتا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىنى قايرىپ قويۇپ، خىتاي كادىرلارنى مەسچىتلەرگە كىرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يەرلىكتىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر كەنت سېكرېتارى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ياپچان بازار 8-كەنتىدىكى خىتاي سېكرېتار گې بىڭنىڭ بۇ يىللىق ھېيت نامىزىدا مەسچىتكە كىرىپ، ئىمامدىن بۇرۇن سۆز قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاينىڭ 40 مىليون كىشىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىشى دىققەت قوزغىماقتا

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە تۈرلۈك ناملار بىلەن خىتايدىكى 40 مىليون كىشىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان 17 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ «سالامەتلىكى» تەكشۈرۈلۈپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ژۇرنالىست ئېتان گۇتمان ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ ئورگان تىجارىتىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇلدا 9-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ئۆتكۈزۈلدى

باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 8-ئىيۇل كۈنى «9-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشقا 14 دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىدىن 140 قا يېقىن ۋەكىل قاتناشقان ۋە 15 تېما بويىچە يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن مەككە مۇكەررەمدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سىراجىدىن ئەپەندى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت