ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-ئىيۇلدىن 1-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.08.01
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

يەكەندىكى قانلىق توقۇنۇشتا يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم

28-ئىيۇل كۈنى، يەنى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار روزا ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋالغان كۈنى، يەكەن ناھىيىسىدە ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

شىنخۋا ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى ۋەقە ھەققىدە قىسقا خەۋەر بېرىپ توقۇنۇشتا 13 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ شۇ كۈنى يەكەن ناھىيەسىگە تېلېفون قىلىپ ئىگىلىشىچە، توقۇنۇش يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدا يۈز بەرگەن. مەزكۇر بازارنىڭ 14- ۋە 15-كەنتلىرىدىن پالتا-پىچاقلار بىلەن قوراللانغان كىشىلەر ئېلىشقۇ بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان. خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ۋە ھەربىي قىسىملار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئىسياننى باستۇرغان. نەق مەيداندىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ۋەقەدە ئاز دېگەندە 120 كىشى ئۆلگەن. يەكەن ناھىيىسىدە جىددىي ھالەت جاكارلانغان.

رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراجىئەت يوللىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى ۋە مۇراجىئەت ئېلان قىلدى.

رابىيە خانىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ يىللىق روزا ھېيتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىسلىسىز بېسىمى ھەمدە بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان قانلىق توقۇنۇشلار ئىلىكىدە كۈتۈۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رابىيە خانىم ئۆز مۇراجىئىتىدە ھۆرلۈك ۋە ئېتىقاد يولىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلارنى شۇنداقلا خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

رابىيە خانىم يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىپ ھىجرەت يولىدا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئىگە چىقىشقا ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلدى.

قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر ئۆلتۈرۈلدى

30-ئىيۇل، يەنى چارشەنبە سەھەر خىتاي مەملىكەتلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ۋەقە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن. سالاھىيىتى نامەلۇم 3 كىشى جۈمە تاھىرنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلارنىڭ شۇ كۈنى چۈشتە گۇماندارلاردىن ئىككىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىرىنى تىرىك تۇتقانلىقى مەلۇم.

مەلۇمكى، جۈمە تاھىر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ۋەز ئېيتقان ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىماملىرىدىن 3-كىشى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ۋە دىنىي ساھەدىكى زىيالىيلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۈمە تاھىرنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى تۇتقۇندىكى ئىلھام توختى ھەققىدە چىقارغان ئەيىبنامىسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە سۇنغانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەپتىش دائىرىلىرى مەزكۇر ئەيىبنامىدە ئىلھام توختىنى رەسمىي «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن. شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكىچە چاقىرغان.

ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى ئەيىبنامىدە ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش، زوراۋانلىق ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئىلھام توختى بۇ يىل 15‏-يانۋاردا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان غەرب ئەللىرى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ئارقا-ئارقىدىن مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

يەكەندە 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىرىپ تاشلانغانلىقى مەلۇم بولدى

ئاشكارىلىنىشىچە، 18 ‏-ئىيۇل كۈنى تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى يەكەن ناھىيەسىنىڭ بەشكەنت يېزىسىدا بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ئوققا تۇرۇپ، مەزكۇر ئائىلىدىكى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 5 كىشىنى قىرىپ تاشلىغان.

ۋەقە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەزكۇر يېزىدا قالايمىقان ئۆي تەكشۈرۈشى ۋە ھىجابلانغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ھىجابىنى زورلۇق كۈچ بىلەن ئېچىشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. مەزكۇر ئائىلىدىكى ئەر كىشىلەر ساقچىلارنىڭ يولسىزلىقىغا پىچاقلىق ھۇجۇم بىلەن جاۋاب بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك 5 جان قارا-قويۇق ئوققا تۇتۇلغان.

بەزى مەنبەلەر بۇ پاجىئەنىڭ 28-ئىيۇلدىكى يەكەن ئېلىشقۇ توقۇنۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم

مەلۇم بولۇشىچە، يەكەننىڭ ئېلىشقۇ بازىرى تەۋەسىدە روزا ھېيت مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار قانلىق توقۇنۇشلار پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.

يەكەن ناھىيىسىدە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.

يەكەنگە قوشنا ناھىيەلەردىمۇ جىددىيچىلىك كۆرۈلگەن. مەكىت ۋە قاغىلىق ناھىيەلىرىدە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بەزى جايلىرىدا ھەمدە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە خەلق بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

رادىئومىزغا كەلگەن غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۈگۈنگە قەدەر يەكەن ناھىيىسىدە توقۇنۇشنىڭ تىنچىمىغانلىقى، ئىككى يېزىدىكى مىڭغا يېقىن خەلقنىڭ قوزغالغانلىقى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەكەنگە ماشىنىلاشقان دىۋىزىيەلىرىنى يۆتكەپ توقۇنۇشنى باستۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.