ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29-ئىيۇلدىن 4-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.08.04
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

قاھىرەنىڭ تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان

خىتاي مىسىردا تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاز كەم 100 نەپىرىنىڭ قاھىرەدىكى تۇرا تۈرمىسىگە قامالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رادىئومىزغا كەلگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي تەرىپىدىن مىسىرغا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تۈرمىدىكى ناچار شارائىت ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى يەنە بىر قىسىم تەپسىلاتلار ئاشكارا بولدى

خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چىقارغان «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپىدىكى 5 بەلگىلىمە» ناملىق ھۆججەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتە خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق مائارىپ ئىدارىلىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا خوتەندىكى مائارىپ ئورگانلىرى بۇنىڭدىن كېيىن مائارىپ ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى دىققەت قوزغىماقتا

شىنخۋا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 28‏-ئىيۇل كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «پىلانلىق تۇغۇت» بويىچە يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلىدىكەن.

يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» دە خىتايلار بىلەن يەرلىك مىللەتلەر ئارىلىقىدىكى پەرق يوقىتىلىپ، شەھەر نوپۇستىكىلەرنىڭ 2 پەرزەنت، يېزا نوپۇستىكىلەرنىڭ 3 پەرزەنت كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇنى «رايوندا بارلىق مىللەتلەرگە تەڭ-باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقى،» دەپ داۋراڭ سالغان.

بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ ما رۇڭ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيەلىك رايونلارنى يوقىتىش ھەققىدىكى تەشەببۇسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دېدى.

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە بىر قىسىم تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىز قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە مىسىردا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم قازاق ۋە تۇڭگان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئامېرىكادا ئولتۇرۇشلۇق تۇڭگان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن سۇلايمان يى گۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان 60 تىن ئارتۇق تۇڭگان ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

يوپۇرغىدىكى كەنت كادىرلىرى مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن 12 ياشلىق ئەمرۇللانى نەزەربەند قىلغان

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 12 ياشلىق ئەمرۇللامۇ بار بولۇپ، ئۇ ھازىر يۇرتى يوپۇرغىدىكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا نازارەتكە ئېلىنغان ئىكەن.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا يوپۇرغىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئەمرۇللانىڭ نۆۋەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدا نازارەت ئاستىدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى، كەنت كادىرلىرىنىڭ دەرس ئارىلىقىدا مەكتەپكە بېرىپ ئۇنىڭغا قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ خىل نەزەربەندنىڭ 12 ياشلىق ئەمرۇللانىڭ روھىي دۇنياسىغا ئېغىر زەخمەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىرغىز زىيالىيلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىزلارنىڭمۇ تەقىبگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىزلارنىڭمۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق تەقىبىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

ئالدىنقى ئايلاردا قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ سېكرېتارى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، قىزىلسۇدىكى ھەر بىر قىرغىز مالچىنىڭ «چېگرا قاراۋۇلى» غا ئايلىنىپ، چېگرا بويىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» لەر ھەققىدە ھۆكۈمەتكە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن قىرغىزىستانغا چىقىپ يەرلەشكەن بىر قىرغىز ئاڭلارمەننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ قىرغىزلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدا دىنىي چەكلىمە بارغانسېرى كۈچەيگەن. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ چارۋىچى قىرغىزلار يايلاقلىرىدىن، قىرغىز ئاۋۇللىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن، قىرغىز بالىلىرى ئانا تىلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.