ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-ئاۋغۇستتىن 25-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.08.25
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي نوپۇسى كۆپ بولغان 4 رايونغا تارقاقلاشتۇرۇلماقتىكەن

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 7-ئاينىڭ 6-كۈنى «ئارىلاش ئولتۇراقلاشقانلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» چىقارغان.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ، سايباغ ۋە بۇلاقتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كوناشەھەرلىك رايونىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى خىتاي نوپۇسى كۆپ بولغان ئۈرۈمچىدىكى باشقا 4 رايونغا تارقاقلاشتۇرۇلماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ يېڭىشەھەر رايونى، يۇقىرى تەرەققىيات رايونى، بۇلاقتاغ رايونى ۋە مىدۇڭ رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ خىتايلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا 50 مىڭ سومدىن 80 مىڭ سومغىچە مۇكاپات پۇلى بېرىلىدىكەن.

ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى تەكشۈرۈپ- تىزىملاش ئىشى دىققەت قوزغىماقتا

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭىدىن ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى تەكشۈرۈش ھەمدە تىزىمغا ئېلىش ئىشىنى باشلىغان.

ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى ۋە بۇ خىزمەتنىڭ جىددىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ مۇشۇ ئايدا باشلانغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ داۋامى بولۇشى مۇنكىنلىگىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ 3 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى پۈتۈنلەي خىتايلار بىلەن تولدۇرۇلغان

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھۆججەت چىقىرىپ، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ رايوندىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بەزى ناھىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىۋاسىتە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشنى باشلىغان. يەكەن ناھىيەسىمۇ 15-ئىيۇل كۈنى ئېلان چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن جەمئىي 3 مىڭ نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەكەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ساننىڭ خىتايلارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق تاماملانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا بەدەن تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغانلار «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئەۋەتىلىدىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016‏-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى دىققەت قوزغىماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ 2-نۆۋەتلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي بىر مىليارد 785 مىليون سوم مەبلەغ ئاجراتقانلىقى مەلۇم.

خوتەندىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر بۇ قېتىملىق بەدەن تەكشۈرۈشىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى رەت قىلغانلارنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

ئاقتۇنىڭ پىلال يېزىسىدا «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى» ئېچىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر دىنىي زات سازايى قىلىنغان

ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزا تازىلىق كەنتىدە بىر مەيدان سۈرەن-چوقانغا تولغان «ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى» ئېچىلغان.

شۇ كۈنى باشقىلارنىڭ چېقىشتۇرۇشى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زات ئەبەيدۇللا ياسىن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ سازايى قىلىنغان.

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى دىنىي زات ئەبەيدۇللا ياسىننىڭ شۇ كۈنى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قاغىلىقتىكى شەندۇڭلۇق بىر خىتاي سودىگەر رايوندىكى ئېغىر ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملاردىن شىكايەت قىلدى

2007-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن قاغىلىققا كېلىپ شىركەت ئاچقان بىر خىتاي سودىگەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قاغىلىقتىكى ھەددىدىن زىيادە مۇقىملىق تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ تىجارەتتە زىيان تارتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىركىتىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ 70 پىرسەنتى ئۇيغۇر بولغاچقا، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈشىگە ۋە ئاۋارىچىلىكىگە دۇچ كەلگەن.

ئۇ، نۆۋەتتە قاغىلىق بازىرىنىڭ كۆزىتىش كامېرالىرى بىلەن تولغانلىقىنى، ئۆز شىركىتىدە ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.