ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە)

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر دىيارىدا قولغا ئېلىنغان «سىياسىي مەھبۇس» لار ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنماقتىكەن

ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە ئېغىرلاۋاتقان سىياسىي بېسىم ھەرقايسى جايلاردا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىدا روشەن ئەكس ئەتمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «سىياسىي مەھبۇسلار» ئاساسەن «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلار ئىكەن.

رادىيومىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، يېڭىساردا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئاساسەن 10 يىللىق ياكى 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ بەزىلىرى دوستىغا ياغلىق ئارتىشنى تەۋسىيە قىلغانلار ياكى كەنت كادىرلىرىنى «غالچا» دەپ تىللىغان ئىكەن. خوتەندە گۇمپا مەشىق قىلغان بىر ياشنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم.

ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئېنىقلاش جەريانىدا نۆۋەتتە يېڭىساردىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا 100 گە يېقىن كومپارتىيە ئەزاسى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر تاۋاپچىلارنىڭ ھەج ئىشلىرى قاتمۇ-قات مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلمەكتە

تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەج تاۋاپ ئىشلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ھاجىلىرىغا زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىدىكى قىيىنچىلىق بولسا يەنە بىرى ھەج-تاۋاپ پائالىيىتى جەريانىدىكى قاتتىق «سىياسىي» نازارەت بولغان.

بۇنىڭ بىلەن ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇر تاۋاپچىلارنىڭ سانى بۇ يىل كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ھەج ئۆمەكلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان تۇڭگان تاۋاپچىلار ئارىسىدىكى ئاياللارغا ئۇيغۇرچە ئەتلەس كۆڭلەك كىيدۈرۈش ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ئۇيغۇر ھاجىلىرىنىڭ سانىنى كۆپ قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا ھەجدىن قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇدۇل ئۆز جايىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئەۋەتىلىدىغانلىقى، بۇ جايلاردا بىرەر ھەپتىچە «تەربىيە» ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىدىغانلىقى ئاشكارا بولدى.

ئىلى تەۋەسىدىكى مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەر خىتايچە ئۆتۈلمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي بويىچە ئورتاق قوللىنىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئالاقىدار دەرسلەرنىڭ خىتايچە ئۆتۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتى جەريانىدا بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ ھازىر ئىلى تەۋەسىدە تولۇق ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

غۇلجا شەھىرىدىكى بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ھازىر بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنى غەم-ئەندىشىگە مۇپتىلا قىلغانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلارنىڭ سەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى خىتاي كادىرلاردىن بىرى خىتاي تىلىدىكى دەرس ئۆتۈشنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.

خوتەندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يېزىلاردىكى دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىلگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى قايتىدىن ئېنىقلاش ۋە تىزىملاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا قايتىدىن تىزىملاشتىن ئۆتكەن يەرلەرنىڭ دېھقانلارنىڭ مۇقىم مۈلكى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئەمما خوتەندىكى بىر قىسىم يېزىلاردىن ئىگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېنىقلاش جەريانىدا دېھقانلارنىڭ قوللىرىدىكى يەرلەرنىڭ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن تارتىۋېلىنىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى.

خوتەندىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ھازىرچە دېھقانلاردىن ئۆتكۈزۈۋالغان «ئوشۇقچە» يەرلەر ئۈچۈن ھەق بېرىش ھەققىدە يول يورۇق يوقلۇقىنى، ئەمما بۇ ئىشلاردىن دېھقانلارنىڭ نارازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەقىبلەرگە ھېچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ!»

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەۋجىگە چىقىۋاتقان تەقىب ۋە كونتروللۇقنىڭ ھازىر يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇنىڭدا ھەرقايسى جايلارغا ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئورنىتىش، كىشىلەرنىڭ يانفونلىرىدىكى «زوراۋانلىق-تېرورلۇق» قا دائىر ئۇچۇرلارنى تازىلايدىغان ئەپلەرنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇش، ئاپتوموبىللارغا ئىز قوغلىغۇچ ئورنىتىش دېگەندەك تەدبىرلەر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىسلەردىن ئادريان زېنز ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق تەقىب ئەھۋالىنىڭ سابىق شەرقىي گېرمانىيە دەۋرىدىكى تەقىب تەدبىرلىرىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بۇ خىل تەقىب تەدبىرلىرى، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقادقا چېتىشلىق چەكلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ تۇڭگانلارغىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى ئالاقىدار زاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى باشلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 11-سېنتەبىردىن باشلاپ شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلىشقا باشلىغان 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقانلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا يىغىن مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى بارچە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە مۇشۇنداق بىر يىغىنغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.