ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.10.07
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان بىر ئاي تۇتقۇن قىلىنىپ 29-سېنتەبىر كۈنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بىر كۈن ئۆتكەندە تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ھەم 40 كۈنلۈك نازارەت ئۈچۈن مالتەپەدىكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپتىن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ «تېررورلۇق جىنايەت» لىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى تۇتقۇن قىلغان.

ئابدۇقادىر ياپچان تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلىپ ئۇنىڭ تېزدىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلاتتى

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ئۆمەر قانات «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان شەھەرلەر» پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 27-سېنتەبىردە بارسېلوناغا يېتىپ كەلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىسىدە بىر ھەپتىلىك زىيارەتتە بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچراشقان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، جۈملىدىن خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قارشىلىققا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەرگەن.

رابىيە خانىم بۇ زىيارەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپانىيە زىيارىتى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسپانىيە خەلقىگە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

2-ئۆكتەبىر نيۇيورك شەھىرىدە باشلانغان «خىتايدا ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە دېموكراتىيە ئۇپۇقى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا خىتايدىكى كومپارتىيە دىكتاتورىلىقىنىڭ پات يېقىندا ئاغدۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى ھەمدە خىتاينىڭ شۇ ۋاقىتتا دېموكراتىيەلىشىش مۇمكىنچىلىكى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئېلشات ھەسەن ۋە ئەنىۋەرجان قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.

يىغىن جەريانىدا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دېموكراتىيەگە ئۆتكەندە ئۇيغۇرلار دىيارى مەسىلىسىنىڭ قايسى شەكىلدە ھەل بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى» بارلىق مەسىلىلەرنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئاچقۇچى، دەپ كۆرسەتتى.

رابىيخان ئانىنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى

بورتالا شەھىرىدىكى 82 ياشلىق رابىيخان ئانىنىڭ قانۇنلۇق پاسپورتى ساقچىلار تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلاتقان ئىدى.

بورتالا ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ پاسپورت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رابىيخان ئانىدىن بەش كۈنلۈك سۈرۈك تەلەپ قىلغان. ئەمما بۈگۈن ئۇلار رابىيخان ئانىغا پاسپورتىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭغا شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. رابىيخان ئانا بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ بۇ يولدىن قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيخان ئانىنىڭ پاسپورت مەسىلىسىدە تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولغان ھادىسىلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي بېسىمنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

خىتاينىڭ «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامى» قوزغىغان ئەندىشىلەر

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش يېڭى نىزامى» دىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەقسەت قىلىنغان ماددىلار خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ يېڭى «نىزام» دىكى بەزى ماددىلار پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى زۆرۈر تېپىلغاندا «تاشقى كۈچلەرنىڭ قولى» ياكى «بۆلگۈنچىلىك» دېگەن ناملاردا چەكلەشكە رۇخسەت قىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىنلا چەكلىمىلەر ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تېخىمۇ قاتتىق تەقىبگە ئۇچرايدىكەن.

گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» دىن ئۇلرىخ دېلىئۇس ۋە ئامېرىكا مارىيلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن «يېڭى نىزام» دىكى بۇ ماددىلار دىنىي ئامما بىلەن ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، دېدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇچۇر ئالاقىسى قاتتىق كونترول قىلىنماقتا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «قورچاق» رەئىس شۆھرەت زاكىر يېقىندا خوڭكوڭدىكى «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» نىڭ مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە چەتئەللەردىكى «دۈشمەن» كۈچلەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسى يولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ پات يېقىندا بۇنىڭ تولۇق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «مۇقىملىقنى قوغداش» دېگەن نامدا تېلېفون ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تورلىرىنى كىملىك كىنىشكىسى بويىچە تىزىملاش يولغا قويۇلغان.

چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى بولسا، يەر شارى ئۇچۇرلىشىۋاتقان بىر دەۋردە بۇ خىل تەتۈر تەدبىرلەرنىڭ ئومۇمىي ئېقىمنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت «قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاش» تىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.