ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14-ئۆكتەبىردىن 20-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.20
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە قانۇنىي بىلىملەر بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىللاردىن بۇيان تەشكىللەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خەلقئارا بىلىملەر بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 13-قېتىملىقى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى كۇرسقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش قاتناشتى ھەمدە دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى، خەلقئارا قانۇن قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردىكى لېكسىيەلەرنى ئاڭلىدى.

ئۈچ كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى جەريانىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى» مۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە جانلىق بىر مەيدان دەرس بېرىلدى. كۇرستىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىغا سوۋغا تەقدىم قىلىندى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشتا بايلارنىڭ نىشان قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە زىيالىيلار ۋە سىياسىي جەھەتتە «گۇمانلىق» كىشىلەرگە زەربە بېرىشتىن مەلۇم دەرىجىدە بېيىغان سودىگەرلەرگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە 300 مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇلى بار بايلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈرمىلەرگە ياكى باشقا يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا سولانماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھازىر تولىمۇ جىددىي بولۇپ، تۈگىمەس «تەكشۈرۈش» لەر دەستىدىن كىشىلەر ھەممىلا جاينىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىكەن.

مىسىردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دائىر بەزى ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى

مىسىردا قانۇنلۇق ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن نۇرغۇنلىرىنىڭ تېخىچە ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئەھۋالدا شۇ قېتىملىق تۇتقۇندىن ئامان قالغان بەزى شاھىتلار بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشى، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ سوراق جەريانىدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان.

مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى يېقىندا «ئەلدىيار» گېزىتىدە بايانات ئېلان قىلغان ھەمدە مىسىر ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ قاھىرەدىكى باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ئاچقان «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى» نىڭ ماھىيىتى ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەممىلا كىشىنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى مەخسۇس بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ خىلدىكى «تەربىيەلەش مەركەز» لىرىنى «ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالايدىغان بالنىستا» دەپ تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا كورلىدىكى 82 ياشلىق سابىق سېكرېتار زىياۋۇدۇن چورۇققا ئوخشاش پېنسىيەگە چىققان كۆپلىگەن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭمۇ «ئىككى يۈزلىمىلىك» سەۋەبىدىن مۇشۇ خىلدىكى مەركەزلەردە تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ھەرقايسى جايلاردىكى كەنت سېكرېتارلىق ئورنى خىتايلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر قايسى يېزا-قىشلاقلاردا كەنت سېكرېتارى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ كۆپ قىسمى «قاتتىق زەربە» بېرىش شامىلىدا ھەر خىل ئەيىبلەشلەر بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي كادىرلارنىڭ زور تۈركۈملەپ سەپلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئىلگىرى خىتاي ھاكىمىيىتى يېزا دەرىجىلىك پارتكوم سېكرېتارلىرىغىچە بولغان ھوقۇقنى خىتايلارغا تۇتقۇزغان بولسا، ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنى كەنت دەرىجىلىك سېكرېتارلارغا قەدەر ئومۇملاشتۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ھوقۇقسىز قالدۇرۇش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان،» دېدى.

شى جىنپىڭنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» قا زەربە بېرىشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا خىزمەت دوكلاتى بەرگەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» ئاتالغۇلىرى ھەرقاچان ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاي ئىشغالىيىتىدە تۇرۇۋاتقان مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك دېلولاردا قوللىنىلىدىكەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.