ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-نويابىردىن 1-دېكابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-12-01
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پاسپورت كونتروللۇقى ئىچكىرىگە كېڭەيمەكتە

يېقىندا خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئايال خەيرىگۈلنىڭ «قانۇنسىز چېگرادىن چىقىشقا ئۇرۇنغان» دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدىن بولغان خەيرىگۈلنىڭ تيەنجىن شەھىرىدە پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالاقىدار ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي پاسپورت تاپشۇرۇش ئۇقتۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىچكىرىدە تۇرۇۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار پاسپورتلىرىنى ساقچىخانىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زور مۇسىبەت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كونتروللۇقى غايەت زور دەرىجىدە كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىن ئىككى يۇلتۇز ساقىدى. مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان رەسسام غازى ئەھمەد ۋە ئۇيغۇر تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى بايراقدار ئالىم مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولدى.

مەرھۇم غازى ئەھمەد 1949-يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە روياپقا چىققان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى رەسساملىق شەكلىدە ئەكس ئەتتۈرگەن بولسا، مەرھۇم مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى شېۋىلىرى ۋە تىل تەرەققىياتىنى ئۆزىنىڭ يىرىك ئەسەرلىرى ئارقىلىق تەپسىلىي بايان قىلغان.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئېغىر كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە مۇشۇنداق ئىككى غوللۇق شەخسنىڭ ئارقىمۇ ئارقىدىن ئاخىرەتكە يول ئېلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن بىر زور مۇسىبەت بولغانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇرلارنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى تۇرمۇشى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار سولانغان بۇ خىل «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ۋە ئۆگىنىش مەركەزلىرىدە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى ئاشكارا بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياتاقلاردا بىرەر يۈزگە يېقىن كىشى ئادەتتە بىر چوڭ زالدا ئۇخلىسا، ئۇلارنىڭ يېمەكلىكى ئۈچۈن «شىفەن»، «گاڭپەن» نامىدىكى خىتايچە تاماقلار بېرىلمەكتە ئىكەن.

تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن بۇ مەركەزلەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان، ئەمما داۋالىنىش شارائىتى تولىمۇ چەكلىك بولغانلىقتىن كۆپ قىسىم بىمارلار داۋالىنالمىغان، ئۆيلىرىگىمۇ قايتالمىغان.

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي زىيانكەشلىك كۈچەيمەكتە

يېقىندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تېكەس ناھىيىسىدە كەڭ كۆلەملىك ئۆي تىنتىش جەريانىدا 30 مىڭ مۇسۇلمان ئائىلىنى ئاختۇرۇپ چىققانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۆي ئاختۇرۇش جەريانىدا «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» كىتابلىرى، تەسبىھ ۋە جايناماز، شۇنىڭدەك دىنىي مەزمۇندىكى ھەرقانداق بۇيۇملار بىردەك مۇسادىرە قىلىنغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا دىنىي جەھەتتىكى بۇ خىل تەقىپلەردە يەنە «ئەسەبىيلىك» نىڭ تۈرلۈك بىمەنە «ئىپادىلىرى» نىڭ تەكىتلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. نىيە ۋە قاراقاش ناھىيىلىرىدىكى بەزى يېزىلاردا نەزىرگە قاتناشمىغان كىشىلەرنىڭ «ئەسەبىيلىك» تە ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

د ئۇ ق خەلقئارادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملار جەنۋەدىكى ب د ت شتابىدا چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئېغىر سىياسىي ۋەزىيەتنى ئاڭلاتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى يەنە ب د ت نىڭ «ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ھەققىدە دوكلات بەردى. ئارقىدىنلا تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيەگە زىيارەتكە بارغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياپونىيەنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىلھام توختى 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسى 30-نويابىر كۈنى گوللاندىيەدىكى دەنخاگ شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى»نىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر بىرلەشمە قارمىقىدىكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماركوس ليونىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك بىر مۇنەۋۋەر زىيالىينى تۈرمىگە تاشلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۈچۈن بىر زور نومۇس» دېدى.

ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرىۋالغانلاردىن مارىيە خولزمان خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرى ئاقمايدۇ» دېدى.

تولۇق بەت