ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-نويابىردىن 2-دېكابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.12.02
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق ئۆرلىمەكتىكەن

1-دېكابىردىكى «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە سەھىيە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2016-يىللىق ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ 29-نويابىر كۈنىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاخبارات يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىن بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 39840 نەپەرگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ جەنۇبتىكى ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەتلەردە داۋاملىق ئېشىپ بېرىشى سەھىيە ساھەسىدىكىلەرنى يەنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتىكەن.

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا «قوش تىللىق يەسلى» لەرنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا، قىشلاقلاردا «قوش تىللىق يەسلى» لەرنى داۋاملىق كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 28-نويابىر كۈنى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، 2017-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەرنىڭ سانىنى 4387 گە، جەنۇبتىكى قوش تىللىق يەسلىلەرنى 3223 كە يەتكۈزۈشنى قارار قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى قوش تىللىق يەسلىلەر پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەر نىسبىتىنىڭ 74% نى ئىگىلەيدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ ساھەسىدىكى ئېرىتىپ تۈگىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىقى يەسلى مائارىپىنى نۇقتا قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر يېزا، قىشلاقلىرىدا تانسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ يېزا، قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تانسا ئويناشقا تەشكىللەۋاتقانلىقى، ھەتتا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىمۇ دائىرىلەرنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى يېزا ياشلىرىنى تانسا ئويناشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە.

بۇ ھەقتە رادىئومىزغا ئىنكاس بەرگەن ئارزۇ نۇرمەمەت جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ بازىرىدىن يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن تانسا ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاسپورت يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغاندىن كېيىن تۈركىيەدىن ئۆي سېتىۋالغان ئۇيغۇرلار ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىماقتىكەن

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، چەتئەلگە چىقىپ-كىرىدىغان ياكى چەتئەلدە ئۆي سېتىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋارىچىلىككە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان سودا-سېتىق ياكى ساياھەت بىلەن تۈركىيەگە چىققان ۋە ياكى تۈركىيەدىن ئۆي سېتىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

ئىستانبۇلدا تىجارەت قىلىۋاتقان نۇر شىركىتىنىڭ مۇدىرى سابىرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەقىبلىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي مۈلۈك ۋە ساياھەتچىلىك شېركەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوتى ئابدۇقادىر ياپچان دېلوسى ھەققىدە قارار ئېلان قىلغان

ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان دىنىي زات ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان دېلوسى ھەققىدە قارار ئېلان قىلغان.

مەزكۇر قاراردا ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا ياكى تۈركىيەدىن باشقا ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشكە بولمايدىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوتىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر سوتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ 10-قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى مۇقام تەكىتلەنگەن

خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتى 26-نويابىردىن 28-نويابىرغىچە بېيجىڭدا 10-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئورگىنىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكى بىلەن باش كاتىپلىقىغا يەنە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرلاردىن كۆرسىتىلگەن نامزاتلار پەقەتلا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ 20 نەپەر مۇئاۋىن رەئىسى ئىچىدە ئاز سانلىق ئورۇننى تەشكىل قىلغانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇلتايدا «خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايچە ئالاھىدىلىككە يۈزلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش تەكىتلەنگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن دىنىي ساھەدىكى ئەربابلار بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.