ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20-دېكابىردىن 26-دېكابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.12.26
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدىكى يېڭى ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇردى

يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بىرلىكتە «يېڭى شارائىتتا مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزگەرتىش ھەققىدە پىكىر» ناملىق ھۆججەت چىقارغان.

ھۆججەتتە خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە خىزمىتى بويىچە 25 تۈرلۈك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭدا «جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەتتىن تەشكىل تاپقان دۆلەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر تونۇش، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللىي كادىرلارغا ئىشىنىش ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش» دېگەندەك بىر قاتار بەلگىلىمىلەر تەكىتلەنگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ئەمەلىيەتتە بەزىبىر چىرايلىق ئىبارىلەر بىلەن يالتىراقلار سۈركەلگەن قۇرۇق قەغەز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خوتەندە ھىجابلانغان ۋە ساقال قويغانلارغا 6 ئايدىن 6 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى يولغا قويۇلغان

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارىتا چېكىدىن ئاشقان چەكلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇنى قىپ-يالىڭاچ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەندە خىتاي دائىرىلىرى ھىجاپلانغان ئاياللارغا 6 ئايدىن 6 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن سىرت 10 مىڭ سوم جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە خوتەن ناھىيىسىنىڭ تۇساللا يېزىسىدا 200 دىن ئارتۇق ئايال ھىجاپتىن، 300 دىن ئارتۇق ئەر ساقالدىن ئايرىلغان.

يەرلىك دائىرىلەر ئۆز تەۋەلىكىدىكى كىشىلەر سىرتتا ياشاۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ ساقالسىز چۈشكەن رەسىمىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا «بايانداي» ناملىق فىلىم بىلەن «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتاب داۋراڭ قىلىنماقتا

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتور قۇربانجان سەمەت يازغان «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنىڭ خىتايدا ئەڭ بازار تاپقان 10 كىتابنىڭ بىرى بولغانلىقىنى داۋراڭ سالماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى بىرلىكتە پىلانلىغان «بايانداي» ناملىق فىلىممۇ زور داغدۇغا بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇربانجان سەمەت خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوپېراتورى ئىكەن. ئۇ مەزكۇر كىتابتا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان 100 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «شىنجاڭلىق» لارنىڭ ھېكايىلىرىنى تونۇشتۇرغان.

«بايانداي» ناملىق فىلىمدا خىتايدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ 1960-يىللاردا غۇلجىنىڭ بايانداي يېزىسىدا بېشىدىن كەچۈرگەن ئىش-پائالىيەتلىرى لىنىيە قىلىنىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ يەنە بىر يۈزى ئوتتۇرىغا چىقماقتا دەپ قارىماقتا.

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە 3 ياشلىق بىر بالا كېسەللىك بىلەن قازا قىلغان

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن.

21-دېكابىر كۈنى 3 ياشلاردىكى ئابدۇللا ئابدۇۋەلى تۇبېركۇليوز كېسەللىكى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي تايلاندتىكى بىر دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تەخمىنەن 400 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ھازىر تايلاندنىڭ 6 يېرىدىكى لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

لاگېردىكىلەرنىڭ كۆپى ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، ناچار شارائىتتا ئۇزۇن مەزگىل قامالغاچقا ۋە داق سېمونت ئۈستىدە ياتقاچقا، كۆپىنچىسى كېسەلمەن بولۇپ كەتكەن. خەۋەر تېپىشىمىزچە، 10 ئايدىن بۇيان تايلاندتىكى لاگېرلاردا 10 نەپەر ئۇيغۇر بوۋاقنىڭ تۇغۇلغانلىقى مەلۇم.

خىتاي ساقچىلىرى خىتاي-ۋىيېتنام چېگراسىدا بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، 21 نى تۇتقۇن قىلغان

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى گۇاڭشىنىڭ ۋىيېتنام بىلەن چېگرالىنىدىغان پىڭشياڭ بازىرىدا 22 ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلغان. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇر نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان.

خىتاي ئاخباراتى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەل تاراتقۇلىرى ئۇلارنىڭ ۋىيېتنامغا ئۆتمەكچى بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رادىيومىزنىڭ پىڭشياڭ بازىرىدىن ئېنىقلىشى داۋامىدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئارىسىدا 17 نەپەر ئايال ۋە بالىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بەردى ھەمدە خىتاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالنى يوشۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

دائىرىلەر مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىدىن تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلانغان

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى پاكىستاندىن تۇتۇپ، ئۈرۈمچىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزىدىن ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلانغانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يازدا يەكەن ۋە خوتەنلەردە ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى سەھنىگە سۆرەپ چىقىپ ئامما ئالدىدا «توۋىنامە» ئوقۇتقان.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2003-يىلى پاكىستاندىن تۇتقۇن قىلىنىپ 2004-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەن مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزى بىلەن 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان نۇرگۈل قاتارلىقلار بار ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لازىم بولغاندا ھەتتا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىمۇ ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.