ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-ئاپرېلدىن 28-ئاپرېلغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.04.28
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

يەكەن تومئۆستەڭدىكى 140 ئائىلىلىك بىر مەھەللىدە 53 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

رادىئومىزنىڭ يەكەن يېزىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا تومئۆستەڭ يېزىسىنىڭ 2-كەنت 4-مەھەللىسىدىكى 140 ئائىلىلىك ئاھالە ئىچىدە 53 نەپەر كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

كەنت سېكرېتارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەھەللىدە ئىلگىرىكى يىللاردا قامالغانلاردىن 13 كىشى، يېقىندا «قانۇنسىز تەبلىغ ئاڭلىغان» دېگەن باھانە بىلەن قامالغان 35 كىشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلاردىن 4 نەپىرى بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، يەكەننىڭ تومئۆستەڭ يېزىسى ئاقسۇنىڭ ئايكۆل، گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىلىرىغا ئوخشاشلا كۆپ ساندا ئادەم تۇتۇلغان «نۇقتىلىق جاي» لارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

چىرا ناھىيەلىك دائىرىلەرنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى يېزىلاردا يۇقىرى بېسىملىق تەقىب يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

ئۇلۇغساي يېزىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىگە قاراشلىق ئادەتتىكى بىر يېزا. ئەمما يەرلىك دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە مەزكۇر يېزىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئادەتتىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى خوتەن ۋىلايىتىدىكى سىياسىي بېسىمنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئۇلۇغساي يېزىلىق ساقچىخانىدىكى نۆۋەتچى خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە نامىزىنى كەنت تەۋەسىدىكى ياردەمچى ساقچىلاردىن 3 كىشى، خەلق ئەسكىرىدىن 6 كىشى ۋە ئاز دېگەندە 2 نەپەر كەنت كادىرى بولۇپ جەمئىي 10 دىن ئارتۇق ئادەم نازارەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر ياردەمچى ساقچى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلاپ، «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاتالمىش ‹تېررورچى ئۇنسۇرلار› نىڭ پاراكەندىچىلىكى تۈپەيلىدىن خوتەندە ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغان بولدى،» دېدى.

مىسىر قاتارلىق كۆپلىگەن ئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ تەقىبىگە دۇچ كېلىشى دىققەت قوزغىماقتا

يېقىندىن بۇيان مىسىر، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا ئەللىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ كېتىشى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئىز-دېرىكىنىڭ بولماسلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.

رادىيومىزنىڭ مىسىردىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، دائىرىلەرنىڭ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن ئىلگىرى يۇرتىغا قايتىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ يۇرتتا قالغان ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى مەلۇم بولدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ۋە چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ مائارىپ باشقارمىلىرى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون ئىنستىتۇتى «خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئۆتۈشمىسىدىكى ئۇيغۇر قۇراللىقلىرى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

25-ئاپرېل كۈنى باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون ئىنستىتۇتى «خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئۆتۈشمىسىدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر يىغىندا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى قىلىچ قانات ۋە «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ۋە بۇنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى شەرھلىدى.

مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 1987-يىلىدىكى گېرمانىيە زىيارىتى ۋە بۇ ھەقتىكى «ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ئەسلەپ ئۆتۈلدى

مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر 1987-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1988-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىلدە سابىق غەربىي گېرمانىيەدە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى.

بۇ، «بېرلىن تېمى» تېخى ئۆرۈلمىگەن، ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلمىگەن، ياۋروپا «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە تارىخىي دەۋر ئىدى.

يازغۇچى زوردۇن سابىر ئالەمدىن ئۆتۈپ ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە شاھىتلار مەرھۇمنىڭ ئاشۇ قېتىملىق ياۋروپا سەپىرىدىكى «ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» نى يورۇقلۇققا چىقاردى.

ئۇيغۇر دىيارىدا پەرزەنتلەرگە مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشنىڭ چەكلىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قىسىم مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى چەكلىگەنلىكى بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇنلا رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى رەسمىي قانۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا «مۇھەممەد»، «مۇجاھىد»، «تۈركىزات» قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلىگەنلىكى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.