ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-مايدىن 26-مايغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-05-26
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىللىق  رامىزان دائىرىلەرنىڭ قاتتىق تەقىپى ئاستىدا باشلانغان

26-ماي كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلارىنىڭ بىر ئايلىق رامىزان ئىبادىتى باشلاندى.  ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق رامىزاننى ئادەتتىن تاشقىرى سىياسىي  تەقىپ ئىچىدە باشلىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رادىيومىزنىڭ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر رامىزان مەزگىلىدە مۇسۇلمانچە ئاشخانا ۋە رېستوران، مېھمانساراي ھەمدە دۇكانلارنىڭ تىجارىتىنى توختىتىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۇ يىللىق رامىزاندىمۇ كادىرلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى مەلۇم.

بېيجىڭدا مۇكاپاتلانغان بىر قىسىم «مەملىكەتلىك ئىلغار ساقچى» لارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىلمىشلىرى ئاشكارىلاندى

خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساقچى سىستېمىسىدىن تاللانغان 18 كوللېكتىپ ۋە 38 شەخسنىڭ «مەملىكەتلىك ئىلغار ساقچى» بولۇپ، بېيجىڭدا مۇكاپاتلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا گۇما ناھىيە چودا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئابدۇرەھىم تۆمۈرنىڭ 2015-يىلىدىكى «14-فېۋرال ۋەقەسى» دە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئۆز بايانىدىن ئاشكارىلاندى.

مۇكاپاتلانغان ساقچىلار تىزىملىكىدە يەنە بورتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرەھىم يۇنۇسمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بورتالادىكى 80 ياشتىن ئاشقان رابىيخان مۇسا ئانىغا بېسىم قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

مۇتەخەسسىسلەر: «چېن چۈەنگونىڭ "قوشماق تۇغقان" سىياسىتى مىللەتلەر ئارا ئىناقلىقنى ئەمەس، بەلكى ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ»

چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلغان يېرىم يىلدىن كۆپرەك جەرياندا «قوشماق تۇغقاندارچىلىق» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئارا ئارىلىشىشنى ۋە تويلىشىشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئاھالىلەر دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ «قوشماق تۇغقان»بولۇشىنى كەڭ كۆلەمدە تەۋسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىلىق سىياسىي ئانالىزچىلاردىن دوكتور پاترىك مېيېر «چېن چۈەنگونىڭ بۇ تەدبىرى رايوندا مىللەتلەر ئارا ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ زور ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.

تەشۋىقات سېپىدىكى 100 نەپەر كادىرنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى «بىرلەشمە ۋەدىنامە» ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى

ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەشۋىقات ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان يۈز نەپەر ئەمەلدار «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ھايات-ماماتلىق كۈرىشى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە «بىرلەشمە ۋەدىنامە» ئېلان قىلدى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدېئولىگىيە ساھەسىدە قوزغىغان بۇ قېتىملىق تازىلاش دولقۇنى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېڭ شۈي خانىم بىلەن ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان» دېدى.

ئۇيغۇر ئېلىدا تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە كۆرۈلىۋاتقان كرىزىس دىققەت قوزغىماقتا

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى بۇزۇلۇش بىلەن سۇ قىسلىقىدىن باشقا يەنە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى ۋە يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئارتىپ كېتىشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە سۈپىتىدە بىلىنمەكتە.

رادىيومىزنىڭ توقسۇن ناھىيە ئىلانلىق يېزىلىق ساقچىخانىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيە تەۋەسىدە تۇپراقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمەكتىكەن. ھەتتا بىر قىسىم ئىدارە-ئورگانلار ئۆز ئالدىغا تەبىئىي ئوغۇت بىلەن كۆكتات ئۆستۈرۈپ، بازاردىن «بۇلغانغان كۆكتات» ئالمايدىغان بولغان.

ئەنگىلىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەنىۋەر توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ساختا يېمەكلىك ياساش، تەركىبىدە زەھەرلىك ماددىلار بولغان مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش خىتايدەك ئەخلاق بۇزۇلغان جەمئىيەتتىلا مەۋجۇت بولىدۇ» دېدى.

خوتەن ۋە قەشقەردە 8 نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان

«خوتەن گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىن 8 نەپەر يەرلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، تەكشۈرۈش ئاستىغا ئالغان.

تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقان بۇ 8 نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدار خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر قىسىم ساقچىخانىلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى، كەنت كادىرلىرى ۋە يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى يوقىرىقى 8 نەپەر يەرلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ «پارا ئېلىش» ياكى «چىرىكلىك» قىلمىشى بىلەن تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن قالپاق بىلەن جازالانغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

تولۇق بەت