ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17 - يانۋاردىن 23 - يانۋارغىچە)

باراك ئوباما پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى

20 - يانۋار كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان قەسەمياد مۇراسىمىدا باراك ھۈسەيىن ئوباما قەسەم بېرىپ، 44 - نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن جىمى كارتېر، چوڭ بۇش، بىل كلىنتون ۋە جورجى بۇش شۇنىڭدەك بىر قانچە نەپەر سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتلار ھەمدە باشقا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى باراك ئوباما قەسەمياد قىلغان نەق مەيداندىن ئورۇن ئېلىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى مەزكۇر زور ۋەقەگە گۇۋاھ بولدى.

باراك ئوباما رەپىقىسى مىشېل ئوبامانىڭ قولىدىكى ئىنجىلنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئىككى قىزىنى يېنىغا ئېلىپ، ئالىي سوتچىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى بويىچە قەسەمياد قىلدى ۋە ئارقىدىن قىسقا، ئەمما ناھايىتى كۈچلۈك نۇتۇق سۆزلىدى. باراك ئوبامانىڭ قەسەمياد مۇراسىمى پۈتۈن ئامېرىكا ۋە دۇنيا مىقياسىدا تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سان - ساناقسىز ئادەملەر تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق بۇ مۇراسىمغا داخىل بولدى.

ئوبامانىڭ دادىسى ئافرىقىدىكى كېنىيە دۆلىتىدىن كەلگەن مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئادەملەر ئوبامانىڭ پرېزىدېنت بولغانلىقىدىن ھاياجانلىنىپ، داغدۇغا قىلىپ تەبرىكلىگەن.

ھىندونوزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدىمۇ تەنتەنە قىلىنغان بولۇپ، چۈنكى، ئوباما بالىلىق ۋاقىتتا بۇ شەھەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرى، رۇسىيە ھەم خىتايدىمۇ كىشىلەر چوڭقۇر ھاياجان ۋە تەنتەنە ئىچىدە مۇراسىمنى كۆرگەن.

باراك ئوباما 20 - يانۋار كۈنى چۈش ۋاقتىدىن ئېتىبارەن رەسمىي تۈردە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى ھەمدە شۇ كۈنى دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار مۇراسىملارغا ئىشتىراك قىلدى شۇنىڭدەك ھەربىي ۋە ئاممىۋى پاراتنى قوبۇل قىلدى.

باراك ئوبامانىڭ قەسەمياد مۇراسىمى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ داغدۇغىلىق، ھاياجانلىق ۋە تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر مۇراسىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

باراك ئوبامانىڭ پرېزىدېنت بولغانلىقىنى كۆپلىگەن دۆلەت باشلىقلىرى تەبرىكلىگەن، بۇ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇنىڭ بىلەن دۇنيا مەسىلىلىرى جۈملىدىن ئىقتىسادىي كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشتى. رۇسىيە ۋە خىتاي بولسا، ئوبامانىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

ئوباما گۇئەنتانامونى تاقاش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنامىگە ئىمزا قويدى

باراك ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بىرىنچى خىزمەت كۈنىلا گۇئەنتانامو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇ تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلايدىغان گۇئەنتانامو ھەربىي سوتىنى تۇتقۇنلارنى سوتلاشنى توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان بولۇپ، سوت كوللېگىيىسى سوت ئىشلىرىنىڭ 120 كۈن توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 3 ‏ - كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنى، ئاق سارايدا گۇئەنتانامو لاگىرىنى تاقاش توغرىسىدىكى پرېزىدېنتنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، تۇتقۇنلار لاگىرىنى بىر يىل ئىچىدە تاقاشنى بۇيرىدى.

پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ مەزكۇر بۇيرۇقىنىڭ مەزمۇنلىرى گۇئەنتانامو تۈرمىسىدىكى سوتلىنىدىغان تۇتقۇنلارنى باشقا تۈرمىلەرگە يۆتكەش، ئاقلانغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، سوتلىنىدىغان تۇتقۇنلارنىڭ دېلوسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جىنايەت سادىر قىلغان، دەپ قارالغانلارنى قانداق جازالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

گۇئەناتانامودىكى تۇتقۇنلار ئىچىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۆتكەن يىلى سوت دائىرىلىرى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى باشقا بىرەر دۆلەتكە ماڭدۇرۇش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئىزچىل تۈردە ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغان كۈنى، يەنە پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ تۇتقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى. ئەمما، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ مەمۇرىيىتىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەرباب پەيشەنبە كۈنى گۇئەنتامانودىكى بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكىدىكى ئاساسىي قانۇن ھوقۇق مەركىزى مۇتەخەسسىسى ئەمىي مىكلېين خانىم مۇنداق دەيدۇ: " بۇ بۇرۇنلا تاقىلىشقا تېگىشلىك جاي بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىزنى يەنىلا ناھايىتى خۇشاللاندۇردى.گۇئانتانامو ھەرگىز ئېچىلماسلىقى، مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ تۇنجى قىلغان ئىشىنىڭ گۇئانتانامونى تاقاش ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكى قالتىس ۋە ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم بولدى.

شۇنداقتىمۇ بىر يىل بەك ئۇزۇن، چۈنكى بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دېگىدەك7 يىلدىن بېرى سوئال - سوراقسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان شۇنداقلا تاشلىنىپ قالغان ئىدى. بىز گۇئەنتانامونىڭ بىر يىلنى كۈتمەي تېزراق تاقىلىشىنى، بولۇپمۇ پرېزىدېنت ئوباما ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ۋەدىسىنى تېزرەك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى كۈتىمىز."

"تۈركىي تىللار دىۋانى" نى تەرجىمە قىلغان ئەزەربەيجانلىق ئالىم رامىز ئاسكەر ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەقپىنىڭ 2008 - يىلىدا تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقانلارغا تارقىتىدىغان "تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتى" ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" نى ئەزەربەيجانچىگە تەرجىمە قىلغان ئەزەربەيجەن دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تۈركولوگ در. رامىز ئەسكەرگە بېرىلدى.

بۇ تۈركىيىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تۈركىيە ئىلىم ساھەسى 2008 - يلىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتىلىشىدىن كېيىن، مەھمۇت قەشقەرىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

ئەزەربەيجان ئالىمى رامىز ئەسكەر 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مەھمۇت قەشقەرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەتقىق قىلىپ، ئۈچ كىتاب يازغان ئىدى. ئەلۋەتتە، مەھمۇت قەشقەرى تەتقىقاتىغا ھەسسە قوشقان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىمۇ مەزكۇر مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلىش پىكىرلىرى مەيدانغا چىقماقتا.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىلى مائارىپى يەنى خىتاي تىلى مائارىپىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە، تەڭرىتاغ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باي ناھىيىسىدە " قوش تىل " ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى زورايتىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 80 ستۇدېنتنى " قوش تىل " ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلغان، 241 ئوقۇتقۇچىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن.

شۇنداقلا، 1 مىليون 450 مىڭ يۈئەن مەبلەغ ئاجىرىتىپ " قوش تىل" ئوقۇتۇشىغا كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى تولۇقلىغان ۋە پۈتۈن ناھىيە بۇيىچە قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنى 370 كە، قوش تىل سىنىپىنى 304 كە، قوش تىل ئوقۇغۇچىسىنى 8730 غا يەتكۈزگەن.

ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۈر ناھىيىگە 7 مىليون يۈئەن ئاجىرىتىپ، 14 يېزا - بازار، مەيداندا " قوش تىل" بالىلار باغچىسى قۇرغان.

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنىيە تەبىئىي گاز مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى

يانۋارنىڭ بەشىدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە ئارىسىدىكى گاز ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن، رۇسىيە ئۇكرائىنىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويغان ئىدى.

بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بىئارام قىلغان ئىدى. رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرلىرىنىڭ 17 - يانۋار كۈنى موسكۋادىكى ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلغان بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى تىموشېكو گاز باھاسىدا پۈتۈشكەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇلارنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى قوللىغان.

ئىككى باش مىنىستىر ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئون نەچچە سائەت جىددىي سۆھبەت ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە كېلىشىم ئەمەلگە ئاشقان ھەمدە سەيشەنبە كۈنى رۇسىيىگە ئۇرائىنىيىگە گاز ماڭدۇرغان ۋە ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەللەرگىمۇ رۇسىيە گازلىرى قايتىدىن يەتكۈزۈلۈش باشلانغان.

رۇسىيىنىڭ ياۋروپاغا ساتىدىغان گازلىرىنىڭ %80 ئى ئۇكرائىنىيە ئارقىلىق ماڭدۇرۇلىدۇ. رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇكرائىنىيىگە ئەرزان گاز بېرىدۇ ھەمدە ئۆتۈش ھەققى تۆلەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە گازلىرىغا تايىنىدۇ.