ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 7 - فېۋرالدىن 13 - فېۋرالغىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزارت تۈرمىدىن چىقتى

خىتاي سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 11 يىلىدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر تارىخچىسى، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى توختى مۇزارت 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ يورۇقلۇققا چىققان. ئىگىلىشىمىزچە توختى مۇزارت تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئاچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا يۇرتى بايغا كەتكەن.

توختى مۇزارتنىڭ تېخى يېقىندا ياپونىيە گراجدانلىقىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىككى بالىسى بىلەن ياپونىيىدە ياشاۋاتقان رەپىقىسى رابىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خەۋەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بىراق ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، توختى مۇزارت يەنىلا نازارەتتىن خالى ئەمەس ئىكەن.

توختى مۇزارتنىڭ ياپونىيىلىك ئۇستازلىرى ۋە كەسىپداشلىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ھازىرچە توختى ئەپەندىنىڭ ياپونىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش مەسىلىسى ئايدىڭ ئەمەس.

توختى مۇزارت 80 - يىللاردا بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە بېيجىڭدىكى دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن، كېيىن ياپونىيىگە بېرىپ، تارىخ بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان. بۇ جەرياندا بىرقانچە كىتاب ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. 1998 - يىلى ئۈرۈمچىگە ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاشقا كەلگەندە، قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

توختى مۇزارتنىڭ قولغا ئېلىنىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامى خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن كۆپ قېتىم ئورۇن ئالغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى

13 - فېۋرال كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى "شىنجاڭدىكى ئىنسان ھوقۇقى، ھازىرقى تەرەققىيات " ماۋزۇسى ئاستىدا بىر دۈگىلەك ئۈستەل مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى ئېيمى رىگېر خانىم، فۇرمان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كاتېرىنا پالمەر ھەمدە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل قاتارلىق ئۈچ كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.

يىغىنغا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەربابلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار ۋە باشقىلار بولۇپ خېلى كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتى. ئاساسلىق مۇھاكىمە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھوقۇقى ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئولىمپىكتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ۋەزىيەت ھەم باشقىلارغا قارىتىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ھەتتا بۇ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرگىمۇ بېسىم قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

جېمس ماكگوۋېرن پرېزىدېنت ئوبامادىن گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرى مەسىلىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان پالاتا ئەزالىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە. پرېزىدېنت باراك ئوباما گۇئانتانامونى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى شۇنىڭدەك ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ۋە كۆز قاراشلار تېخىمۇ كۆپ ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېمس ماكگوۋېرن پرېزىدېنت باراك ئوباماغا خەت يېزىپ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئامېرىكا قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېمس ئەپەندى خېتىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلىغىنى بولىدىغانلىقىنى ھەم يەنە گۇئانتانامو مەھبۇسلىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشقا دۆلەتلەرنى ئىلھاملاندۇرغىنى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان ' مەھمۇد قەشقىرى كىتابى' ناملىق كىتابقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ماقالىسى كىرگۈزۈلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە بولۇپمۇ، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشىقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيىدە يېقىندا مەھمۇت قەشقەرىگە بېغىشلانغان چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 30 نەچچە ئالىمنىڭ مەخسۇس مەھمۇت قەشقەرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىسى بۇ توپلامدىن ئورۇن ئالغان. بۇنىڭ ئىچىگە تۈركىيىنىڭ بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان دوكتور ئەركىم ئەكرەم ۋە دوكتور مەخپىرەت قاتارلىق ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ماقالىلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

تۈركىيە 2008 - يىلى مەھمۇت قەشقەرىگە بېغىشلانغان ئەڭ كۆپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن دۆلەتتۇر.

گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى بىر قانچە دۆلەتنىڭ سىياسەت كۈن تەرتىپىگە كەلدى

گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش ۋە ئۇلارنى نەگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندە مۇھىم بىر تېما بولۇپ قالدى.

يېقىندا گەرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار پەيدا بولدى، ھەتتا ميۇنخېن شەھىرى ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، گەرمانىيە ھۆكۈمىتى ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسمى تەلەپ قىلسىلا، ئۆزلىرىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لىتۋا پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، لىتۋا دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تۇتقۇنلار مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، "بۇ مەسىلە ئۈستىدە قارار چىقىرىشنىڭ زۆرۈر شەرت‏ - شارائىتىنى ھازىرلاش" توغرىسىدا ھوقۇق بەرگەن.

لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇرگىتا داپكۇتې لىتۋانىڭ 10 كىشىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، بۇ 10 كىشىنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكى ئېنىق ئېيتىلمىغان.

كانادا تەرەپنىڭ 3 ئۇيغۇرغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، كانادا كۆچمەنلەر ئەمەلدارى ئېنىقسىز ئۇچۇر ئېلان قىلغان.

قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكا بازىسىنى تاقىشى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ

3 - فېۋرال كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ موسكۋادا رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى ماناس ئايرودرومىغا جايلاشقان ھەربىي بازىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە شۇنىڭغا ئۇلاپلا رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرى رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان غا 2 مىليارد دوللار قەرز ۋە 150 مىليون دوللار ياردەم بېرىشى ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان ئىدى.قىرغىزىستان پارلامېنتى 5 - فېۋرال بۇ مەسىلىدە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرچە ئاخىرقى قارار چىقىرالماي،پەقەت پارلامېنتنىڭ بەزى كومېتىتلىرى ئايرىم قوشۇلۇش قارارىنى بىلدۈرگەن.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ بازىنى تاقاش قارارى بەلكى ئاينىڭ ئاخىرىغا، ھەتتا 3 - ئايغا قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى مەزكۇر بازىنى تاقاشنىڭ ئافغانىستاندىكى تۇراقسىز ۋەزىيەتنىڭ ئامىلى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا بولسا تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بۇ بازىنىڭ ئورىنىنى ئېلىش سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقى، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىئىكى قوشۇنلىرىغا ھەربىي تەمىنات يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئوز تۇپرىقىدىن ئوتۇشكە رۇخسەت بېرىدىگانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇلاھىزىچىلەر ئارىسىدا قىرغىزىستاننىڭ بازىنى تاقاش مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىرىپ، ئامېرىكىدىن بازا ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ مەسىلىدە رۇسىيىنى ۋاسىتە قىلىپ، سودىلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.