ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا
بۇ ھەپتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كەڭ غۇلغۇلا قوزغىغان، ئىستانسىمىزلا ئەمەس چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن باشقۇرۇۋاتقان ھەر قايسى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە ئەڭ كەڭ تارقالغان كۈتۈلمىگەن خەۋەر شۋېتسىيىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆتكەن ئايدا قولغا ئېلىنغان جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاش بولدى.
يەنى گۇماندارنىڭ ئىسمى بابۇر مەخسۇت، مىللىتى ئۇيغۇر، يېشى 62 ياش. بولۇپ بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ھەر قايسى جايلارغا تارالدى. شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە جامائەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەقسۇت، قولغا ئېلىنغانغا قەدەر جامائەت ئىچىدە گۇمانلىق سۆز، ھەرىكەتلەردە بولمىغان؛ ئەكسىنچە جامائەت بىلەن ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتكەن، ئۇ تېخى ئۆتكەن ئايدا ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغىمۇ قاتناشقان ئىكەن. يىغىندىن قايتقاندىن كېيىن، جاسۇسلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان نەق مەيداندا قولغا ئېلىنغان.
قەشقەردە 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە خانلىق مەدرىس چېقىپ تاشلاندى
ئۇيغۇرلاردا ئىنتايىن چوڭ نارازىلىق ھەم ئېچىنىش پەيدا قىلغان يەنە بىر خەۋەر قەشقەردە 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە خانلىق مەدرىسنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىدەك ئەپسۇسلىنارلىق خەۋەر بولدى، مەزكۇر خانلىق مەدرىس ئىلگىرى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى بۇزغۇنچىلىقتا بىر قىسمى چېقىلغان بولسا ئۇ بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ تۈزەش پىلانى بويىچە چېقىشتا يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي تۈزلېۋېتىلدى، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر مەدرىسنى چېقىش ئىشلىرى تۆت كۈندىن بۇيان داۋاملاشقان. قەشقەر خانلىق مەدرىسى چېقىلغاندا ئۇنىڭ تېمىدا 1996 - يىلى ئېسىلغان ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن دېگەن ۋىۋىسكا بار ئىدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەرىكەتتە
6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى گوللاندىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە گوللاندىيىنىڭ پايتەختى دەنھاك شەھرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ نامايىشنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇر قاتناشقان. قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈشكەن بۇ نامايىشچىلار، `خىتايلار يۇرتۇڭغا قايت`! `خىتايلار ۋەتىنىمىزنى قايتۇرۇپ بەرسۇن`!، `ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك` دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشتى. شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتى.
"جەننەت ئارىلى" دىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۇچۇرلار
بېرمۇداغا ئورۇنلاشقان 4 نەپەر ئۇيغۇر ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇاتلاردا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ھەتتا ئەلقائىدە ۋە بىن لادىن دېگەن نامنى گۈەنتاناموغا كەلگەندىن كېيىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار سۆزىدە خىتاينىڭ تېررورچى دېگەن ئەيىبلىمىسىنىمۇ كەسكىن رەت قىلغان.
4 ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئابدۇللا ئابدۇقادىر مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: "بەزى كىشىلەر بىزنى خەتەرلىك كىشىلەر دەپ قارىشىدۇ ۋە ئامېرىكىغا نەپرىتى بار دەپ قارايدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىزنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا ھېچقانداق نارازىلىق ۋە ئاغرىنىشىمىز يوق".
بېرمۇدادىكى ئۇيغۇرلار رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گۈەنتانامو تۈرمىسى بىلەن خىتاي تۈرمىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئۇلار يەنە، سۆزلىرىدە بېرمۇدانىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، بېرمۇدا ھۆكۈمىتىنىڭ جاسارەتلىك قارارىغا - خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇغان.
بېرمۇدادىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۈنتەرتىپتىن چۈشمەيۋاتقان بۇ كۈنلەردە يەنى 15 - ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش پىلانىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، مەزكۇر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر قىسىم مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى 16 - ئىيون كۈنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تېررورچى دەپ ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا گۇۋاھلىق بەردى.
يىغىن ئاساسلىقى گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتلارنى تېررورچى دەپ قارىلاۋاتقانلىقىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئالدى.
يىغىندا يەنە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 2003 - يىلى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ گۈەنتانامونى زىيارەت قىلىپ، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلغانلىقىغا يول قويغانلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىدلىدى.
خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى
ئۈرۈمچىدىكى ساقچى دائىرىلىرى بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 11:00 لەر ئەتراپىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ج خ باشقارمىسىنىڭ ئىككى نەپەر ساقچىسى ۋە قوغداش بۆلۈمىنىڭ بىخەتەرلىك ئەترىتىدىكىلەر ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغا توپلىنىپ، دىنىي مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقان 7 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلغان.
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى"نىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، ساقچىلار ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت كىنىشكىسى ياكى قولغا ئېلىشقا ئائىت رۇخسەتنامىسىنى كۆرسەتمىگەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى 15 كۈن سولاپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 5 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغانلىقىنى 27 ياشلاردىكى يۈسۈپجان ئىسىملىك شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، يەنە بىرىنىڭ 24 ياشلاردىكى مەمەتجان ئىسىملىك ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم دىنىي گۇرۇھلار تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتاي يولغا قويماقچى بولۇۋاتقان "يېشىل توسما"سېستىمىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالدى خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قارار چىقىرىپ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن خىتايدا سېتىلىدىغان بارلىق كومپيۇتېرلارغا "يېشىل توسما" سىستېمىسىنى قاچىلىماقچى.
ب ب س دا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تور ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى "يېشىل توسما" سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك سېستىمىسدا نۇرغۇن بوشلۇقلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇنىڭ تور ساھەسىدىكى قارا مېھمانلارغا ئابونتلارنىڭ مەخپىي بەلگىلىرىنى ئوغرىلايدىغانغا ياخشى بىر شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا قارا مېھمانلارنىڭ پۈتۈن ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە يامان نىيەتلىك سېستىمىلارنى قاچىلاش ئارقىلىق چوڭ كۆلەملىك بىر ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا مەيدان ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
تاغدىن - باغدىن
15 - ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 6 دۆلەت ۋە مەزكۇر تەشكىلاتقا كۆزەتچى سۈپىتىدە قاتناشقان بىر قىسىم ئەللەر رەھبەرلىرى رۇسىيىنىڭ ئورال تېغى ئېتىكىدىكى يېكاتىرىنابۇرگ شەھىرىدە ئىككى كۈنلۈك يىغىنىنى رەسمىي باشلىدى.
فوكۇس خەۋەرلەر تورىدا، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر يىغىننى ئامېرىكىغا قارشى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش پۇرسىتى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن سودىدا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت پۇلى روبلى بىلەن يۇەننى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بەزى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تايانماسلىق ئۈچۈن قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈرۈمچىدە بىر ئايال ئاممىىۋى ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىققان بىر تۇڭ كىسلاتا بىلەن 5 ئادەمنى زەخمىلەندۇرگەن بولۇپ، تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ئايال نۆۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. ۋەقە گۇماندارى ئايال خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئىكەن.
بۇ ئايالغا پەقەت جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.
ئۈرۈمچىدە 16 - ئىيۇن كۈنى بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان جىڭگۇ ئاھالىلەر رايونىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا ساقچىلار گۇاڭخۇي قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنى توختىتىشىنى ئۇقتۇرغاندا، گۇاڭخۇي شېركىتى قۇرۇلۇشچىلىرىدىن 30 دەك كىشى ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقان.
ساقچىلارنىڭ مەسئۇلى قۇدرەت قۇربان ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاسمانغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق چىقارغان، ھالبۇكى بىر تال ئوق تاسادىپىي ھالدا قايتىپ چۈشۈپ گۇاڭخۇي شىركىتىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان دېرىكتورلىرىدىن ياۋ يۇڭخەينىڭ گېلىغا تەگكەن ۋە ئۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
