ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 20 - ئىيۇندىن 26 - ئىيۇنغىچە)

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، نۆۋەتتە ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر سەھىپىمىز بويىچە مەلۇماتلار بېرىمىز، سەھىپىمىزدە گۆلچېھرە بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا، دۇنيا سىياسىي ۋەزىيىتىدە، خىتايدا ھەم ئۇيغۇرلاردا قىزىق نۇقتا بولغان ۋەقە ھەم ھادىسىلەر ھەققىدە ئىستانسىمىزدا بېرىلگەن ئۇچۇر ھەم مەلۇماتلارنى قىسقىچە تەكرارلاپ ئۆتىدۇ.

دۇنيا ئاخباراتىدا قىزىق نۇقتا

گەرچە ئىران ھۆكۈمىتى قالايمىقانچىلىقلاردىن كېيىن چەتئەللىك مۇخبىرلارنى قوغلاپ تېلېۋىزىيە ۋە ئاخباراتنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغان بولسىمۇ، ئىران بۇ ھەپتە يەنىلا خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولۇپ كەلدى.

ئىراندا 12 - ئىيۇندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسىگە بولغان نارازىلىق بىلەن باشلانغان قالايمىقانچىلىقلار داۋام قىلماقتا. بۇ جەرياندا ھازىرغىچە 17 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىران ھۆكۈمىتى سايلام نەتىجىسىگە قارشى پىكىر بايان قىلغان خەلقنى باستۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئەيىبلەش ھەققىدە بىر قارار ماقۇللىدى.

ۋەقەلەرنىڭ زورىيىپ كېتىشى بىلەن ئامېرىكا پرېزدېنتى باراك ئوباما ئىراننىڭ بۇ قاتتىق پوزىتسىيىسىنى تەنتقىدلەپ نامايىشچى ئاممىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى، تاياق يېيىشى ۋە قولغا ئېلىنىشىغا پۈتۈن دۇنيانىڭ غەزەبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلگەن گۇناھسىز كىشىلەر ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

غەرب ئەللىرىنى ئىراننى قالايمىقان قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئەخمەدى نىجاد پەيشەنبە كۈنى باراك ئوبامانىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇنى ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى ۋە ئوبامانىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىئالوگ باشلىتىلىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى دېدى.

ئۇيغۇرلاردا غۇلغۇلا

ئۈرۈمچى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 2009 - يىللىق ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى يەنىمۇ ئېغىرلاشقان.ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا تىزىملاتقان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى 25694 نەپەر ئىكەن. كېسەل قوزغالغانلار 3083، ئۆلگەنلەر بولسا 1720 نەپەر بولۇپ، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بويىچە خىتايدا 4 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يقۇۇم ئەھۋالى ئالدىنقى يىل ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا 27 پىرسەنت ئاشقان.

يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، قاغىلىق ناھىيىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە باش كىيىم كىيىشى چەكلەنگەن. بىزگە بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە بۇ مەۋسۇم كىرگەندىن بۇيان بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە باش كىيىمسىز كېلىشى بەلگىلەنگەن، بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەتتا جەرىمانە ئېلىنغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيىسى خىتاي دۆلەتلىك قارىغا ئېتىش كوماندىسىدىكى ئوسمان ئىسمائىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ماھىرنى تونۇشتۇردى. ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئوسمان ئىسمائىلنى خىتاي دۆلەتلىك قارىغا ئېتىش كوماندىسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ماھىر دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ئوسمان ئىسمائىل ئۆزىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى بىلەن خىتاي دۆلەتلىك كوماندىسىغا تاللىنىپ، مەشىق قىلدۇرۇلماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، شىئەن ۋە شېنجېن قاتارلىق جايلارغا بارىدىكەن. ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت رەئىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بېرىشتىن بۇرۇن، د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 6 - ئاينىڭ 18 - 17 - كۈنلىرى تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى توپلاپ تەييارلىغان دوكلاتنى بەرگەن شۇنداقلا بۇ مەسىلىلەرنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرىگە دېيىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇرلار دۇنيا مەتبۇئاتىدا

13 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىردىن پەقەت 8 كىشى پالاۋغا بېرىشنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتە لاگىرنى زىيارەت قىلغان پالاۋ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋنىڭ پرېزىدېنتى تورىبىئوڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇساپىرلارنىڭ "بىر قىسىمى كەلمەسلىكى مۇمكىن" دېگەن. ئەگەر گۈەنتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلار پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان 3 ‏ - دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.

شۋېتسىىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 22 - ئىيون دۈشەنبە كۈنى شۋېتسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن يېقىندا قولغا ئېلىنغان "بابۇر جاسۇسلۇق ۋەقەسى"گە چېتىشلىق بىر خىتاي دىپلوماتنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ يىل 61 ياشلاردىكى بابۇر مەخسۇت لەنجۇدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1980 ‏ - يىللىرى خوتەندە ياشىغان. 1990 ‏ - يىللارنىڭ ئاخىرى شۋېتسىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. 20002 ‏ - يىلى شۋېتسىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن ئىدى. بابۇر مەخسۇت 1948 - يىلى لەنجۇدا تۇغۇلغان، تيەنجىندە چوڭ بولغان. بابۇر مەخسۇتنىڭ دادا تەرەپ جەمەتى ئۇيغۇر؛ ئانا تەرەپ جەمەتى بولسا تۇڭگان مىللىتىدىن. ئۇ، 6 ‏- ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان دىپلوماتىغا ئاخبارات بېرىۋاتقاندا، شۋېتسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

6 - ئاينىڭ 20 - 21 - كۈنلىرى رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 10 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ھازىر فىنلاندىيىدە ياشاۋاتقان ئوبۇل قاسىم قارى قاتناشقان. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۆز دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن كىشىلەر ئىكەن. بۇ مۇسابىقىدا تۈركىيىدىن كەلگەن بۇنيامىن سەلچۇقئوغلۇ قارى بىرىنچىلىككە، ئالجىرىيىدىن ياسىن ئىسمائىل قارى ئىككىنچىلىككە ۋە مالايشىيادىن ئابدۇللاھ سېيىت قارى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوبۇل قاسىم ئەپەندى گەرچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ قاتارىغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە كىيىملىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە موسكۋادا 3 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئاڭلاتقان.

خىتاينىڭ ئىچى - تېشىدا

ئافغانىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتا رەئىسى يۇنۇس قانۇنى بىلەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، "تېررورلۇق " ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ۋۇ باڭگونىڭ "بىز ئافغانىستان بىلەن تېررورلۇق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك جىنايى ئىشلارغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييار" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش "تېررورلۇق " قا قارشى ھەمكارلىقنىڭ تەپسىلىي دىتاللىرىنى تىلغا ئالمىغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا قۇرۇلغان قازاقىستان - خىتاي قورغاس خەلقئارالىق چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى 18 - ئىيۇن كۈنىدىن ئېتىبارەن خەلقئارالىق ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ساياھەتچىلىرى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، مال سېتىۋەلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بارغان.

خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ بىرلەشمە خەلقئارالىق مەركىزى قازاقىستان تەرەپنىڭ 1.2 كۋادىرات كىلومېتىر، خىتاينىڭ 3.43 كۋادرات كىلومېتىر يەر چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاز قىسىمى قازاقىستاندا، كۆپ قىسىمى خىتاي ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن. مەزكۇر مەركەزدە سودا بىناسى، مال توشۇش ئورنى، كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بار بولۇپ، ئاساسلىقى سودا قىلىشنى مۇددىئا قىلغان.

تەيۋەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، تەيۋەندە 'كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش تەيۋەن پولكى' ناملىق بىر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقى 6‏ - ئاينىڭ 27‏ - كۈنى چوڭ يىغىن ئېچىپ جاكارلىنىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەندە، جاڭ جىنگو دەۋرىدە 'كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش جۇڭگو پولكى' قۇرۇلغان ئىدى. تەيۋەندىكى زىيالىيلار ھازىر دېموكراتىك تۈزۈم ئۆلچىمى بۇيىچە، بۇ تەشكىلاتنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىپ، تەيۋەننى كوممۇنىست پارتىيىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ نامىدىكى 'جۇڭگو' دېگەن سۆزنى 'تەيۋەن' دەپ ئۆزگەرتكەن.

ھازىر زىيالىيلار بۇ نامنى 'كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەن قۇتقۇزۇش تەيۋەن پولكى' دەپ ئۆزگەرتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق كومپيۇتېرغا "يېشىل توسما" تور سۈزگۈچ يۇمشاق دېتالى ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقى ‏پات يېقىندا رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەر قانداق كارخانا مەھسۇلاتىغا بۇ دېتالنى قاچىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ سېرىق چاپلانمىلارنى توساشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

لېكىن مەزكۇر بەلگىلىمە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تور قوللانغۇچىلارنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىلىدىكى تور ھەۋەسكارلىرىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنى بىئارام قىلماي قالمىدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گەرىي لو ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى رون كىرك خىتاي ھۆكۆمەت دائىرىلىرىگە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ " يېشىل توسما" پىلانىنى ئەركىن سودا كېلىشىمىگە خىلاپ، دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە چەكلىمە قويۇپ، پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقان، كىشىلەرنىڭ نازۇك سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئەركىن پىكىر قىلىشىنى چەكلەۋاتقان دۆلەت، دېگەن ئاتىقى بار.