گوللاندىيەدىكى «يىپەك يولى رېستورانى» ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ داڭقىنى چىقارماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.02.11
Yipek-yoli-restoran-sirti.JPG «يىپەك يولى رېستورانى» نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى فېۋرال، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

«يىپەك يولى رېستورانى» نامى بىلەن خېرىدارلىرىغا بىر يىلدىن بىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ھاردىرۋەيك شەھىرىدىكى بۇ ئۇيغۇر رېستورانى گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈركولوگلار، شەرقشۇناسلار ۋە ھەۋەسكار ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.

8-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى بىر توپ گوللاندىيەلىكلەر كاۋاپ، پولۇ قاتارلىق تاماقلار بىلەن غىزالىنىپلا قالماي، تەمبۈر بىلەن ئورۇنلانغان ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇلىدىن ھاياجانلاندى.

ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن دوستلىرى بىلەن بۇ رېستورانغا كەلگەن رېنى مورمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئىككى قېتىم بارغانلىقى ۋە دوستلىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئارقىلىق ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ بېغىشلىماقچى بولغانلىقىنى، بۇ يەردە ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە مۇزىكا-سەنئەتلىرىنى تاماشا قىلىپ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خېرىدارلاردىن يەنە بىر ئەپەندى بۈگۈنكى بۇ ئولتۇرۇشتىن يېڭى بىر مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرنىڭ سېيماسىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ رېستوراندا ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلغان ئۇيغۇر قىزى پەرىزات خانىم ئۆزىنىڭ خىرونىڭىن شەھىرىدىكى بىر ئۇسۇل مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، 5 يىلدىن بىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە سورۇنلارغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى ئويناش بىلەن ئالقىشلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رېستوران خوجايىنلىرىدىن غەيرەتجان روزى ئەپەندى بۇ بىر يىللىق مۇساپىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنداشلىرىنى شەخسىي ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇردى ۋە كەلگۈسىدىكى پىلانىنى ئورتاقلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.