«ئۇخلىماس شەھەر» دىكى يېڭى ئۆزگىرىش-كەچلىك بازارلارنىڭ تاقىلىشى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.05.14
qaramay-jume-baziri-sodisi.jpg قاراماي شەھىرىدىكى شىمالىي قۇرۇلۇش مەھەللىسى مەسچىتى بازىرى
RFA/Ihsan

ئادەتتە ئۈرۈمچىدە باھار پەسلىدىن باشلاپ بەزى مەھەللە ۋە كوچىلاردىكى كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك بازارلار جانلىنىشقا باشلايدۇ، ھازىر ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ نۇرغۇن كەچلىك بازارلاردىكى ئىلگىرىكى قاينام تاشقىنلىقتىن ئەسەرمۇ يوق بولۇپ، نۇرغۇن بازار بولۇپ كېلىۋاتقان ئورۇنلارغا، بازارنىڭ بۇ يىل يازدىن باشلاپ تاقالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش چاپلانغان. گەرچە دائىرىلەر كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك بازارلارنى تاقاشقا،بازارلاردا كۆرۈلۈۋاتقان يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى، تازىلىق، مۇھىت ۋە قاتناش مەسىلىلىرىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۈرۈمچى كىشىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى كەچلىك قايناق بازارلارنى تاقىشىغا 30-ئاپرېل يۈز بەرگەن پويىز ۋوگزالىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسى سەۋەب بولغان بۆلىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا ئىكەن. نەچچە ئون مىڭ ئائىلىنىڭ كىرىم مەنبەسى بولۇپ كېلىۋاتقان كەچلىك بازارلارنىڭ تاقىلىشى نۆۋەتتە ئۈرۈمچى پۇقرالىرى غۇلغۇلا قىلىۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلە بولۇپ قالغان.

ئۈرۈمچىنىڭ «ئۇخلىماس شەھەر» دېگەن ناملارغا ئىگە بولۇشىغا ئۈرۈمچىدە كېچىچە قاينام-تاشقىنلىق توختىمايدىغان ئۆزگىچە كېچىلىك بازارلار سەۋەب ئىدى. ئۈرۈمچى پۇقرالىرىنىڭ بەزى ئاممىۋى تورلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇنازىرىلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىدىكى ئادەتتە بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇنلا ئېچىلىشقا باشلايدىغان نۇرغۇن بازارلار ھازىرغا قەدەر ئېچىلمىغان. ئەسلىدىكى بەزى بازار ئورۇنلىرى بولسا چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىغا ئايلىنىپ قالغان، بەزى ئەتىگەنلىك بازار بولۇپ كېلىۋاتقان جايلاردا كېچە كۈندۈز چارلاش ماشىنىلىرى كېزىپ يۈرمەكتە بولۇپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچىنىڭ ئىلگىرىكى قايناق كەيپىياتى سۇسلىشىپ قالغاندەك مەنزىرە مەيدانغا كەلگەن.

ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن ئەسلىدە بۇ بازارلارنىڭ تا ھازىرغا قەدەر ئېچىلمىغانلىقىنىڭ سىرى ئېچىلدى. ئۈرۈمچى دائىرىلىرى يېقىندا بۇ يىل يازدىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان 8 چوڭ كەچلىك بازار ئورنىنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، تاقالماقچى بولغان بازارلار ئاساسەن سايباغ ۋە تەڭرىتاغ رايونلىرىدىكى چوڭ كەچلىك بازارلار ئىكەن.

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىنى غەربىي شىمالدىكى مەركىزى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى 10 يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ، دائىرىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك بازارلاردا بىر تۇتاش تۈزەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىتى، قاتناش قىستاڭچىلىقى كۈندە يۈز مىڭلاپ ئادەم كىرىپ چىقىدىغان چوڭ كەچلىك بازارلارنىڭ ئەخلەت ۋە شاۋقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن شۇنىڭدەك خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەك بىخەتەرلىكى مۇھىتى ۋە خاتىرجەم ھايات كاپالىتى ئۈچۈن دائىرىلەرنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ كەچلىك بازارلارنى تاقاشنى قارار قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

كەچلىك بازارلارنىڭ تۇيۇقسىز تاقىلىشى نۆۋەتتە ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ نۇقتىلىق مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولۇپ، بەزى كىشىلەر بۇ بازارلارنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى پارتلاش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، دائىرىلەر كۈنچە نەچچە ئون مىڭ ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ ئادەم ئېقىمىغا ئىگە بازارلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتسا كېرەك دېگەندەك قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا يەنە بەزىلەر، بازارلارنىڭ تارقىلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن، يەنە بەزىلەر بولسا ئۈرۈمچىدىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان بازارلارنى بىردىنلا تاقاپ قويۇشقا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

بىز بازارلارنىڭ تاقىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى كەچلىك بازارلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بىر قانچە ئورۇن بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.

تەڭرىتاغ رايونلۇق شەھەر مۇھىتى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىر ئۇيغۇر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۇرغۇن كەچلىك بازارلارنىڭ ھازىرغىچە ئېچىلمىغانلىقى، بۇنىڭغا ئاممىنىڭ كەچلىك بازارلاردىن چىققان شاۋقۇن ۋە يۇندا-ئەخلەتلەردىن خەلقنىڭ بىزار بولۇپ كەلگەنلىكىنى ھەم بۇ ھەقتە پىكىرنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن دائىرىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللاردىن باشلاپ بەزى ئولتۇراق رايونغا يېقىن جايلاردىكى كەچلىك بازارلارنى تاقاشقا باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا سەۋەبنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى تورىنىڭ 14-مايدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى تۇراقلىق نوپۇسى 3 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئاقما نوپۇس ۋە ساياھەتچىلەرنى قوشقاندا 4يېرىم مىليوندىن ئاشىدۇ، شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ سانى 800مىڭ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمەلىي شارائىتى نۆۋەتتىكى نوپۇس سىغىمى، قاتناش قىستاڭچىلىقى، مۇھىت ۋە سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىۋاتقان بولۇپ، كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك بازارلار بولسا بۇ خىل مەسىلىلەرنى ئېغىرلاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ چوڭ كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك بازارلارنى تاقاش بىلەن تەڭ جەمئىي 2000 كىشىگە ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ، كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك بازاردا مۇقىم سودا قىلىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بازارنىڭ ئورنى ۋە ئېچىشقا رۇخسەت قىلىدىغان ۋاقتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئۈرۈمچى كىشىلىرى: كەچلىك بازار ساڭا خوش دېيەلمەيمىز!

ئۈرۈمچىنىڭ كەچلىك بازارلىرى خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، 1990-يىللىرىدىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بىر قانچە قايناق مەھەللىلەردە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان، يېمەك ئىچمەك، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىيچە تاماق تىجارىتىنى ئاساس قىلغان كېچىلىك بازارلار بولغان بولسا ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئارتىشى شەھەر رايونىنىڭ كېڭىيىشى ھەمدە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئادەم كۆپ ئولتۇراق رايونلاردىمۇ ئاستا-ئاستا كەچلىك بازارلار ئېچىلىشقا باشلاپ تىجارەت،كۆڭۈل ئېچىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال بازارلار مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان ئىدى.

ئۈرۈمچى تورىدا كۆرسىتىلىشىچە 1997-يىلى ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىلا رەسمىي شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن باشقۇرغان كەچلىك بازارلارنىڭ سانى 25 كە يەتكەن. 2007-يىلى 47 ئورۇندا كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك بازارلار ئېچىلىپ، پەسىللىك بازارلارمۇ مەيدانغا كەلگەن.

ئۈرۈمچىدىكى كەچلىك بازارلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچى مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، كەچلىك بازاردىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تاماق مەدەنىيىتى كۆرسىتىدىغان خۇددى ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت يەرمەنكىسىدەك ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ ھۇزۇر ئالىدىغان ئۇنتۇلغۇسىز ساياھەت نۇقتىلىرى بولۇپ قالغان، ھەممىدىن مۇھىمى بۇ كەچلىك بازارلار نۇرغۇن ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىنى ھەل قىلغان بولۇپ، يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن ئىشتىن ئايرىلغان، كىرىم مەنبەسى يوق، ئىشسىز، ئەمما ئاشپەزلىكتىن سودىدىن ھۈنىرى بار كىشىلەر ئۈچۈن بۇ بازارلار بىر تاپاۋەت يولىنى ھازىرلىغان ئىدى.

كېيىن بۇ بازارلار كىيىم-كېچەك، ئويۇنچۇق، ساياھەت بۇيۇملىرى، ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى، ئۇن-سىن، كىتاب ۋە ھەر خىل تۇرمۇشقا كېرەكلىك بۇيۇملارمۇ سېتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال بازارلارغا ئايلىنىپ، ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ كېچىلىك ھاياتىغا ھاياتىي كۈچ ۋە جۇشقۇنلۇق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ بازارلاردا ئىككى كىشى 50 سوم خەجلەپلا ھەر خىل يەرلىك مەززىلىك تاماقلاردىن غىزالىنىپ كەڭ تاماشا قىلىپ مېھمان بولالايدۇ.

بازارلار قۇلايلىقى، قايناقلىقى،سېتىلىۋاتقان تاماق ۋە باشقا ھەر خىل ماللارنىڭ ئەرزانلىقى بىلەنمۇ تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە باغلىغان.

ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلىدىن مەلۇمكى گەرچە دائىرىلەر ئۈرۈمچى كەچلىك بازارلىرىنى تاقاپ شەھەرنى گۈزەللەشتۈرىمىز، مۇھىتنى ياخشىلايمىز دېگەندەك شوئارلارنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، ئۈرۈمچى كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك بازارلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشى بىلەن خەلقنىڭ ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلىرى، بولۇپمۇ كېچىلىك بازاردا سودا قىلىش ئارقىلىق ئازغىنە تاپاۋەت قىلىپ جېنىنى ۋە ئائىلىسىنى قامداۋاتقان ھەم بېقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھۆكۈمەتنىڭ قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى ئۈرۈمچى ئاھالىسى ئەڭ كۆڭۈل بولۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.