قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەملەر كەلمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.01.22
uyghur-musapir-yardem-turkiye-1.jpg

تۈرك بالىلار ئۇيغۇر مۇساپىر بالىلارغا ياردەم بۇيۇملىرى بەرمەكتە. 2015-يىلى يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-musapir-yardem-turkiye-2.jpg

ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-musapir-yardem-turkiye-3.jpg

ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-musapir-yardem-turkiye-4.jpg

تۈركلەر ئۇيغۇر مۇساپىر بوۋاقلارنى دورا بىلەن تەمىنلىدى. 2015-يىلى يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-musapir-yardem-turkiye-5.jpg

تۈرك بالىلار ئۇيغۇر مۇساپىر بالىلارغا ياردەم بۇيۇملىرى بەرمەكتە. 2015-يىلى يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-musapir-yardem-turkiye-6.jpg

تۈرك بالىلار ئۇيغۇر مۇساپىر بالىلارغا ياردەم بۇيۇملىرى بەرمەكتە. 2015-يىلى يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-musapir-yardem-turkiye-7.jpg

تۈرك بالىلار ئۇيغۇر مۇساپىر بالىلارغا ياردەم بۇيۇملىرى بەرمەكتە. 2015-يىلى يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-musapir-yardem-turkiye-8.jpg

ئۇيغۇر مۇساپىر بالىلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ياردەمدىن سۆيۈندى. 2015-يىلى يانۋار، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي جەنۇب ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ھەر تۈرلۈك ياردەم يېتىپ كەلمەكتە. تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت 100 يۈرۈش ئۆي تەسىس قىلغان ئىدى.

ھازىر بۇ شەھەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 800 دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇلارغا قەيسەرىدىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى، ھەر قايسى مەكتەپ ۋە شەخسلەر ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزگەن. ھازىر مەزكۇر ئۇيغۇرلارغا بىر يىل يېتىدىغان ئۇن، شېكەر، ياغ، تۇز، كىيىم-كېچەك ۋە يوتقان كۆرپە ئامبارغا قويۇلغان. ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا-ئانىسى بەرگەن پۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇيغۇر بالىلارغا ياردەم قىلغان.

قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىئانە يىغىش ھوقۇقىنى بەرگەن ھەمدە ۋالىي مەھكىمىسىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش مەركىزى قۇرۇلدى.

بىز بۇ ياردەم پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.