پاختا تەرگۈچى ئۇيغۇر ئىشچىلار تەڭسىزلىككە ئۇچرىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.11.07
uyghur-elige-kochmen-paxta-terish.jpg خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدىن تۈركۈملەپ ئۇيغۇر ئېلىغا پاختا تېرىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 1-سېنتەبىر، شۈچاڭ.
EyePress News

خىتاي پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ 6 دىن بىر قىسمى ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدۇ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىغا جايلاشقان خىتاي بىڭتۇەن كېۋەزلىكلىرىنىڭ كۆلىمى 8 مىليون 820 مىڭ مودىن ئاشىدۇ. بۇ كېۋەزلىكلەر ھەر يىلى پەسىللىك پاختا تېرىش ئىشچىلىرىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بىڭتۇەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل بىڭتۇەنگە خىتاينىڭ گەنسۇ، سەنشى، نىڭشا، سىچۈەن، خېنەن قاتارلىق جايلىرىدىن ۋە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دېھقانلاردىن بولۇپ 560 مىڭدىن ئارتۇق پاختىكار ئىشچى كەلتۈرۈلگەن.

گەرچە بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى پاختا مەھسۇلاتى ئىلگىرىكى يىللاردىن 10% ئەتراپىدا ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما پاختا تەرگىلى كەلگەن ئىشچىلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغان ئىش ھەققىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، تاماق ۋە ياتاق شارائىتىغا قويغان تەلەپلىرىنىڭ بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن پاختا تېرىش چىقىمى ئېشىپ پاختىدىن كىرىدىغان پايدا نىسبەتەن ئازلىغان.

شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ پاختا تەرگۈچى ئىشچىلار ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققى بەش يىل ئىچىدە بىر ھەسسە ئۆرلىگەن بولۇپ، 2008-يىلى بىر كىلو پاختا تېرىش ئىش ھەققى 1.2 سوم بولغان بولسا، بۇ يىل 2.2-2.5 سومغىچە بولغان. خىتاي پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ كىشى بېشىغا ئىككى ئاي داۋامىدا قازانغان ئەڭ يۇقىرى كىرىمى 23 مىڭ سومغا قەدەر، ھەر بىر ئىشچىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 6300 سوم ئەتراپىدا بولغان. ئۇيغۇر ئېلىغا «ئالتۇن قازغىلى» كەلگەن بۇ پاختا تەرگۈچى ئىشلەمچىلەر بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن جەمئىي 2 مىليارد 500 مىليون سومنى يۇرتلىرىغا ئېلىپ مېڭىشقان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تومۇر يول دائىرىلىرى ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىدىغان نۆۋەتتىكىدەك يولۇچىلار دولقۇنىدا مەخسۇس پاختا تەرگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس 210 ۋاگون ئاجرىتىپ، پاختا تېرىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن يولۇچىلارغا بولغان تەشۋىقات ۋە يېتەكچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يولۇچىلارنى خاتىرجەم كېلىپ، خاتىرجەم قايتىشقا كاپالەتلىك قىلغان.

بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرسىز، ئىشسىز نامرات دېھقانلارنىمۇ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك دېھقانلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە، پاختا تېرىش پەسلىدە بىڭتۇەن ۋە باشقا پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىغا پاختا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما رادىئومىزغا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، بىڭتۇەن كېۋەزلىكلىرىگە پاختا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشلەمچىلەرگە قارىغاندا تۆۋەن مائاش بىلەن ئىشلەۋاتقاندىن باشقا، ياتاق ۋە تاماق، تۇرمۇش، ساقلىق شارائىتلىرىمۇ پەرقلىق ھالدا ناچار بولۇپ كەلمەكتە، بۇ خىل شارائىت چەكلىمىلىرى پاختا تېرىشقا بارغان ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئىش ئۈنۈمى شۇنداقلا كىرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاقسۇدا كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئالغان بىر ئۇيغۇر دېھقان بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۇ كىشىمۇ ئامال بار ئۇيغۇر كېۋەز تەرگۈچى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، بىڭتۇەندە شارائىت خىتاي ئىشلەمچىلەرگە ياخشى بولغىنى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە قېقىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئوخشاش ئەمگەكتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلا كەمسىتىلىشكە، تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بۇنىڭدىن نارازى بولسىمۇ، نامراتلىق، ئىشسىزلىق تۈپەيلى مۇشۇ ئەمگەكنى قىلىپ بولسىمۇ جان بېقىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىڭتۇەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئادەم كۈچى ئارقىلىق پاختا تېرىشنىڭ تەننەرخى بارغانچە يۇقىرىلاۋاتقان بولغاچقا، بىڭتۇەن 129 مەيدانىدىكى كېۋەز ھۆددىگەرلىرى بۇنىڭدىن كېيىن كۆلىمى زور پاختا ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىدا ئادەم كۈچىگە تايىنىشنى قوشۇمچە ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق پاختا يىغىش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپلەپ كىرگۈزۈشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. چۈنكى ئۇلار بۇ يىل پاختا تېرىشتا 80% پاختا تېرىش ماشىنىسىغا تايانغان بولۇپ، ھەر مو كېۋەزلىكتىن پاختا يېغىش چىقىمى 600 يۈەن تۆۋەنلىگەن. پاختىنىڭ ساپ مەھسۇلاتى ئاشقاندىن سىرت پاختا يىغىش تەننەرخىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى بىلەن بۇ يىل يىللاردىكىدىن 30 مىليون يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلغان. ھازىر بىڭتۇەننىڭ ئايرىم ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىدا پاختا تېرىشنىڭ ماشىنىلىشىشى 98% گە يەتكەن. ئۇيغۇر ئېلىدا پاختا تېرىش ئىشچىلىرىغا بولغان ئېھتىياج كېلەر يىلدىن باشلاپ تەدرىجىي كېمىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.