خىتاينىڭ قەشقەردە قۇرغان گۇاڭجۇ، شېنجېن شەھەرچىلىرى «ئەرۋاھلار ماكانى» غا ئايلىنىپ قالغان

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» پروگراممىسىنى يولغا قويغان.

كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەر. 2014-يىلى 31-ئىيۇل، قەشقەر.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى خىتاينىڭ 19 شەھەر، ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بەرگەن. قەشقەر ۋىلايىتىگە «نىشانلىق ياردەم بېرىش» نى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ گۇاڭجو ۋە شېنجېن شەھىرى 2012 ۋە 2013‏-يىللىرىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا گۇاڭجۇ ۋە شەھەرچىلىرىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى باشلايدۇ. دائىرىلەر بۇ ئىككى قۇرۇلۇش ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ، رايوندا زور ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى جار سېلىپ كەلگەن ئىدى.

بىراق خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق ھازىر گۇاڭجو، شېنجېن شەھەرچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى توختاپ، نۇرغۇن بىنالار يېرىم ياتا تاشلىۋېتىلگەن. خوڭكوڭ «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»دە 4‏-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، قەشقەردىكى بۇ شەھەرچىلەرنىڭ خاراپلىشىپ، ئىنسى-جىنسىز «ئەرۋاھلار ماكانى»غا ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى مۇقىملىق كۆلەڭگۈسىدە قالغان ئەرۋاھ شەھەرلەر» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى «خەلقنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى ياخشىلانسا، سىياسىي جەھەتتە پاسسىپلىشىدۇ، دېگەن مەنتىقىگە تايانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ شىنجاڭدا مەغلۇپ بولدى» دېيىلگەن.

دۈشەنبە كۈنى، قەشقەردە ياشايدىغان بەزى كۆچمەن خىتاي تىجارەتچىلەر مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، گۇاڭجو، شېنجېن شەھەرچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى توختىغانلىقى، تىجارەت كاساتلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىر خىتاي ئايال تىجارەتچى، قاتتىق ئامانلىق تەدبىرىنىڭ تىجارەتكە تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «راست دەيسىز، ھەقىقەتەن شۇنداق. ئامانلىق تەدبىرلىرى بەك كۆپ. ھازىر كىيىم-كېچەك تىجارىتى قەشقەرگە نىسبەتەن ئانچە ياخشى ئەمەس. مېنىڭچە ھازىر سىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئەڭ ياخشى. ساياھەتچىلىك، كىيىم-كېچەك تىجارىتى، دېگەندەك نەرسىلەر ئانچىلىك ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

قەشقەردىكى يەنە بىر خىتاي تىجارەتچى، «گۇاڭجۇ»، «شېنجېن» شەھەرچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى توختاپ قالغانلىقىنى دەلىللەپ، «بۇنىڭ سەۋەبى نوپۇسنىڭ ئازىيىپ كېتىشى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ: «توغرا دەيسىز، بەك كۆپ ئامانلىق تەدبىرى سەۋەبلىك سودا كاساتلىشىپ كەتتى. دۇكان ئېچىش ئۈچۈنلا نۇرغۇن ئامانلىق رەسمىيىتى بېجىرىشكە توغرا كېلىدۇ. گۇاڭجو، شېنجېن شەھەرچىلىرىنىڭ پۈتۈن قۇرۇلۇشى توختاپ قالدى. چۈنكى، نوپۇس ئازىيىپ كەتتى. بۇ مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ توختاپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب» دېدى. لېكىن يۇقىرىقى خىتاي تىجارەتچى نوپۇس ئازىيىپ كەتتى، دېگەندە بۇنىڭ كىملەرنى كۆزدە تۇتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قەشقەردىكى گۇاڭجو، شېنجېن شەھەرچىلىرىنىڭ خاراپلىشىشىدىكى گەۋدىلىك ئىككى سەۋەبنىڭ رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بىرى، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرى. ئىككىنچىسى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىدۇر.

«شېنجېن شەھەرچىسى» نىڭ ياڭ فامىلىلىك بىر قۇرۇلۇش پروگرامما مەسئۇلى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا، شىنجېن شەھىرى مەزكۇر قۇرۇلۇشنى ئۇنىڭ «ئىستىقبالى بەك پارلاق بولمىغاچقا توختىتىپ قويدى» دېگەن.

خىتايدىكى «ئەرۋاھ شەھەرلەر» مەسىلىسى بىر مەملىكەت خاراكتېرلىك ھادىسە. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار باراتنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتايدىكى «ئەرۋاھ شەھەرلەر»نى قۇرۇلۇش ماتېرىيال ئىنفىلاتسىيەسى (پاخاللىشىش) پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئەرۋاھ شەھەرلەر» سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ مەھسۇلى. ئۇ، شۇڭا «بۇ جىن(ئەرۋاھ) شەھەرلەر يەرلىك خەلق بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دەيدۇ.

قاھار بارات: «قەشقەر رايونىدىكى بۇ جىن-شەھەرلىرىنىڭ بۇنداق بولۇشى نامۇۋاپىق ئىقتىساد، دېمگرافىيە پىلانىنىڭ نەتىجىسى بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەمىلى ۋە مىللىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتمىغانلىقنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا، بۇ شەھەرچىلەر خارابلىشىش، جىنلىشىش، تاشلاندۇق بولۇش ئەھۋالىغا يەتتى. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىپ ھاياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. لېكىن بۇ سېلىنغان جىن شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسى خىزمىتى بار، ماشىنىسى بار، ھەممە نەرسىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مائاشلىق ئاھالىگە قارىتىلغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلى تۇرمۇشىغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشسىز. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلى كىرىمىگە قاراپ جان باقىدۇ. شۇڭا، بۇ جىن شەھەرلەر يەرلىك خەلق بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر نەرسە».

بىراق دوكتور قاھار بارات يەنە، بۇ خىل قۇرۇلۇشلارغا يەر خەلقنى قاتناشتۇرسىمۇ، ئۇنىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، چۈنكى ئۇيغۇر دىيارى ئەسلىدىنلا بۇ خىل يېڭى شەھەرچىلەرگە ئېھتىياج ئەمەس.

قاھار بارات: «بۇنداق شەھەرلەر ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا يەرلىك خەلقنى قاتناشتۇرغان بىلەنمۇ بەرىبىر بۇ شەھەرلەر جىن شەھىرىگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ شەھەرلەر نورمال تەرەققىيات ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن شەھەرلەر. پۈتۈن قەشقەر رايونىدا مەيلى خىتاي بولسۇن مەيلى، يەرلىك خەلق بولسۇن مۇشۇلارنىڭ ئۆزىگە بازار، شەھەر، قۇرۇلۇش قاتارلىق بۇ ئاساسى ئەسلىھەلەرنىڭ قانچىلىك بولۇشى ئېنىقلام ئەھۋال. لېكىن دائىرىلەرنىڭ بۇ ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتماي قالايمىقان بىنا سېلىشى بۇ ماتېرىيال، بىنالار پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىقتىسادنى ئىقتىسادى قانۇنغا بويسۇنۇپ قىلىش كېرەك. ھەممە نەرسىگە ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ كۆز قارىشىنى تېڭىۋەرسە، خاتالىقنىڭ بەدىلىنى ئۆزى مۇشۇنداق تۆلەيدۇ».

لېكىن قەشقەر «گۇاڭجۇ شەھەرچىسى»دە ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» پىلانىغا باغلاپ تۇرۇۋاتقان خىتاي تىجارەتچىلەر يوق ئەمەس. زو زېبىن «گۇاڭجۇ شەھەرچىسى» دە ئۆي-جىھازلار دۇكىنى ئېچىۋاتقان ئاز ساندىكى شۇ خىل خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، «دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا سالغان مەبلىغى ناھايىتى زور. مۇشۇ 3 يىل ئىچىدە بىز بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز دەپ ئويلايمەن» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىغا ناھايىتى زور مەبلەغ سالغان. بىراق خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر بۇ كارىدورنىڭ زور خىرىسلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.