ھېيت كۈنى قىرغىزىستاندىكى موھتاج ئۇيغۇرلارغا گۆش تارقىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فىرۇزە
2017.09.05
rejep-atesh-qirghizistan-qurbanliq.jpg مەركىزى گېرمانىيەنىڭ دۈسسەلدورف شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ژۇرنالىست رەجەپ ئاتەش ئەپەندى موھتاج ئائىلىلەرگە قۇربانلىق تارقاتتى. 2017-يىلى 1-سېنتەبىر، قىرغىزىستان.
RFA/Firuze

ئۈچ يىلدىن بۇيان قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى چۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا-شەھەرلىرىدە موھتاج ئائىلىلەرگە قۇربانلىقلارنى تارقىتىپ كەلمەكتە.

1-سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەممە مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇغ قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇدى. بايرام ئىبادەتلىرى مەملىكەتلىك مەسچىتلەردە ۋە بىشكەك شەھىرىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا ئوقۇلدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان قۇربانلىق تارقىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئارتىق ھاجىيېف باشچىلىقىدا ھېيت نامىزىدىن كېيىن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى باشلىدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى چۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ساندا ياشاۋاتقان يېزا-شەھەرلىرىدە موھتاج ئائىلىلەرگە قۇربانلىقلارنى تارقىتىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا 2016-يىلدىن باشلاپ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىمۇ قۇربانلىق قىلىنىۋاتىدۇ. ھەر يىلى ياردەم كۆرسىتىلگەن ئائىلىلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ.

قىرغىزىستانغا گېرمانىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىدىن ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى ئارقىلىق 2015-يىلى 400 ئوشۇق ئائىلىلەرگە بىرىنچى قېتىم قۇربانلىق ئەۋەتىلگەن ئىدى.

بۇ يىلى، گېرمانىيەنىڭ ديۇسېلدورف شەھىرىدىكى تۈرك قېرىنداشلاردىن ژۇرنالىست رەجەپ ئاتەش ئەپەندى قىرغىزىستانغا ۋەكىل بولۇپ كېلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەردىن 2000 غا يېقىن موھتاج ئائىلىلەرگە قۇربانلىق تارقىتىلدى.

ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ ئاق-ساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىرزاكىم ئابدۇلوۋ قۇربانلىق پەقەت ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، ئەمما قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقا مىللەتلەردىكى مىسكىن ئائىلىلەرگە تارقىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

قۇربانلىق تارقىتىش كومىتېتى بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. دەسلەپ يېزىلاردىكى يىگىت باشلىرى تەرىپىدىن يېتىم-مىسكىنلەرنىڭ تىزىملىكى تەييارلاندى، پاكىز قۇشخانىلار تاللاندى. دەسلەپ يېزىلاردىن، ئاندىن شەھەرلەردىن يىگىت باشلىرى تەكلىپ قىلىنىپ ھالال گۆشلەر مەھەللىلەرگە ئەۋەتىلدى.

بۇ يىلى گېرمانىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ھېيتنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە چۇ ۋىلايىتىدە 200 دىن ئوشۇق قوي قۇربان قىلىندى. جەنۇب تەۋەسىدىكى ئوش، جالال-ئاباد ۋە ئۆزگەن ۋىلايەتلىرىدە ئون بىر بۇقا قۇربانلىققا سويۇلدى. شۇنداقلا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان « مائارىپ» جەمئىيىتى تەرىپىدىن 50 قوي قۇربانلىق قىلىندى. بۇ يىلى قۇربانلىق گۆش بىرىنچى قېتىم ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىنىڭ قارا-قول شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئەۋەتىلدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف مۇشۇ ساخاۋەتلىك ئىشلار قىلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ياردەم كۆرسەتكەن مەركەزلەر ۋە شەخسلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم بىر چارىلىرىدىن بىرى -قىرغىزىستان ۋە دۇنيا بويىچە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرى، ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىشتۇر. ئەلۋەتتە قىرغىزىستان پۇقرالىرى ئۇيغۇر خەلقىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ تۇرماقتا.

ھازىر قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتى بويىچە 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشماقتا. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى ساقلاپ قالغان. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىنى پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.