ئۈرۈمچى بىلەن گازىئانتېپ قېرىنداش شەھەر بولغانلىقى ئېلان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.09.29
urumchi-gaziantep-kerindash.jpg گازىانتەپ شەھەر باشلىقى ۋەكىلى لاتىف قاراداغ بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر دوستلۇق كېلىشىمگە ئىمزا قويۇۋاتقان مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 25-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA/Arslan

ئۈرۈمچى بىلەن تۈركىيەنىڭ گازىئانتېپ شەھىرىنىڭ قېرىنداش شەھەر بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىدىكى شەھەرلەرنىڭ 2016-يىللىق ھەمكارلىق-تەرەققىيات مۇنبىرى 22-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلىنىپ، 25-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئاخىرلاشتى. بۇ كۆرگەزمىگە يەرلىك ۋە چەتئەللىك 63 شەھەردىن كەلگەن 1000 دىن ئارتۇق ۋەكىل، مۇتەخەسسىس، ئالىم، «يىپەك يولىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تەجرىبە ئالماشتۇرغان. يىپەك يولى بەلۋېغىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يوللىرى ھەققىدە بىرلىكتە ئىزدەنگەن.

ئانادولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 28-سېنتەبىر كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كۆرگەزمە جەريانىدا ئۈرۈمچى بىلەن تۈركىيەنىڭ گازىئانتېپ شەھىرىنىڭ قېرىنداش شەھەر بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر بىلەن گازىئانتېپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەئىسى فاتىمە شاھىنغا ۋاكالىتەن رەئىس ۋەكىلى لاتىف قاراداغ كېلىشىم تۈزدى ۋە ئۈرۈمچى بىلەن گازىئانتېپنىڭ قېرىنداش شەھەر بولغانلىقىغا ئالاقىدار تۈزگەن كېلىشىمنامىگە بىرلىكتە ئىمزا قويدى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ كېلىشىم بىلەن ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە سودا-تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنى تىز سۈرئەتتە كۈچلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان گازىئانتېپ شەھەر باشلىقى ۋەكىلى لاتىف قاراداغ ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئەزەلدىن قېرىنداش بولغان بۇ ئىككى شەھەرنىڭ خەلقلىرى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە ئاناتولىيە تۈركلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇ كېلىشىم بىلەن تېخىمۇ كۈچلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاتىف قاراداغ سۆزىدە يەنە مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا ئىگە ئىككى شەھەرنىڭ قېرىنداشلىقى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىم بىلەن سودا-تىجارەت، مائارىپ، ساغلىق، تەنتەربىيە، تېخنىكا، مەدەنىيەت ۋە پەن-مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز-ئارا كۆپلىگەن ئىش-پىلانلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر، يىپەك يولى ئۈستىدە ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردا قورۇلغان ئۈرۈمچى بىلەن گازىئانتېپنىڭ قېرىنداش شەھەر بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاكتىپ بىر شەكىلدە دوست شەھەرلەر ئارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام سابىر سۆزىدە يەنە يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئىككى شەھىرى بولغان ئۈرۈمچى بىلەن گازىئانتېپنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىلەن چوڭ ھەمكارلىقلارنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۈرۈمچى بىلەن گازىئانتېپ شەھىرىنىڭ قېرىنداش دوست شەھەر بولۇشى ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشنى خالىمايدىغان خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم قانداق بولۇپ ئۈرۈمچى بىلەن گازىئانتېپ شەھىرىنىڭ دوستلۇق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى؟ بىز بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقات مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز يەنە بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن گازىئانتېپتا ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.