خىتاي سودىگەرنىڭ قاغىلىق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى شىكايىتى (2)

قاغىلىققتا شىركەت ئاچقان خىتاي سودىگەر يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

كۇچا بەھىشباغ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» روھىنى ئۆگىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى.

يېزا كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى «دېھقانلارنى يېزىدا تۇتۇپ تۇرۇش» ۋە «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئادەم يوللاش

2007-يىلى سەندۇڭ ئۆلكىسىدىن قاغىلىققا كېلىپ، شىركەت ئاچقان بىر خىتاي سودىگەر، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان قاغىلىقتا بارغانچە كۈچەيگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ خىتاي سودىگەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قاغىلىق يېزىلىرىدىكى كادىرلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى يېزىسىدىن سىرتلارغا چىقىپ كەتكۈچىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە دېھقانلار ئارىسىدىن ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارىغانلارنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە يوللاپ بېرىش ئارقىلىق يۇقىرىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش.

ئۆزىنىڭ شىركىتىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سەندۇڭلۇق خىتاي سودىگەر، شىركىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاغىلىقتا يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىگە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز مۇنداق داۋاملاشتى:

مۇخبىر: -سىز شىركىتىڭىزدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلىشامسىز؟ ئۇلار كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى سىزگە دەمدۇ؟
خىتاي سودىگەر: ‏-مەن ھەر كۈنى ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىمەن. چۈنكى شىركىتىمدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ 70% ئۇيغۇرلار.
مۇخبىر:‏ -سىزنىڭچە، ئۇلارنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى قانداق؟
خىتاي سودىگەر:‏ -ناھايىتى ياخشى ئۆتىمىز.
مۇخبىر:‏ -سىزنىڭچە، ئۇلارنى ئەڭ نارازى قىلىدىغىنى قايسى ئىشلار؟
خىتاي سودىگەر:‏ -ئۇلارنى نارازى قىلىدىغان ئىشلار بەكمۇ جىق.

بۇ خىتاي سودىگەر ھۆكۈمەت يەرلىكتە يولغا قويۇۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە جاۋاب بېرىپ، قاغىلىقتىكى يېزا كادىرلىرى ۋە يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئاتالمىش مۇقىملىق خىزمىتى نامىدا، ئۆز يېزىسىدىن ئىشلەش ئۈچۈن باشقا يۇرتلارغا كەتكەن دېھقانلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ناھىيە تەۋەسىدە ئىشلەۋاتقانلارنى ھەپتىدە بىر قېتىم يىغىۋېلىپ ئۇلاردىن ئىدىيىۋى ئەھۋالىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:
-يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر ئىپادىسى، ھازىر ئۇيغۇر دېھقانلىرى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدۇ، پۇل تاپالمايدۇ، ھۆكۈمەت بەرگەن ياردەم پۇلىغا تايىنىش ۋە يەردىن چىقىدىغان ئازراق دارامەتكە تايىنىشقا مەجبۇر قېلىۋاتقان ۋەزىيەت دېيىشكە بولىدۇ.

مۇخبىر:-بىلىشىمچە، بۇلتۇر 5-ئايدا ئىلگىرىكى سېكرېتار جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مەزگىل يولغا قويۇلغان «ئاممىغا قۇلايلىق كارتىسى» يەنى يېشىل كارتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدىغۇ؟ ھازىر دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە رۇخسەت ئېلىش يەنىلا شۇنداق تەسمۇ؟

خىتاي سودىگەر:‏ -ھازىر دېھقان ئىشلەمچىلەر ھەرگىزمۇ سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدۇ. جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ناھىيىسىدىن ئايرىلىشىغىمۇ يول قويۇلمايۋاتىدۇ.

مۇخبىر:‏ -ئۇلارنىڭ باشقا جايلارغا بېرىپ ئىشلىشىگە يول قويۇلماسلىقتىكى سەۋەب نېمە؟ مۇقىملىق ئۈچۈنمۇ؟
خىتاي سودىگەر: ‏-شۇنداق، دېھقانلارنى سىرتقا چىقارماسلىقمۇ مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. ھازىرقى بەلگىلىمىدە، سېنىڭ يۇرتۇڭ قەيەردە بولسا، سەن چوقۇم شۇ يەردە تۇرۇشۇڭ كېرەك. مەن ھازىر سودا ئىشى ئۈچۈن خوتەنگە كەلگەن ئىدىم. بۇ يەردە شۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇچراتتىم. مەن بىلىدىغان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۈرۈمچىدە نەچچە يۈز تۈمەن مەبلەغ سېلىپ رېستوران ئاچقان ئىكەن، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭدىن چوقۇم قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىن مەبلەغلىرىدىن ۋاز كېچىپ خوتەنگە قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىپتۇ.
مۇخبىر:‏ -خىتايلارغىمۇ بۇنداق چەكلىمىلەر بارمۇ؟
خىتاي سودىگەر:‏ -يوق، خىتايلارغا بۇنداق چەكلىمىلەر يوق.
مۇخبىر: -ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلىرىگىمۇ بۇنداق تەلەپلەر بارمۇ؟
خىتاي سودىگەر:‏ -ياق، ياق. ئۇلارغا بۇنداق تەلەپلەر يوق.

مۇخبىر:‏ -سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، بۇ خىل تەڭسىز مۇئامىلە يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى غەزەپلەندۈرگەن مەسىلىمۇ؟ ئۇلار دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئەمما كۆڭلىدە نارازىلىقى بار، شۇنداق دېمەكچىمۇ؟
خىتاي سودىگەر:‏-توغرا، شۇنداق. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇلار كۆڭلىدە نارازى بولىدۇ.

بۇ خىتاي سودىگەر دائىرىلەرنىڭ، كۆڭلىدىكى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى «ئىدىيىۋى تەربىيىلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى:
‏-ھازىر پەقەت قاغىلىقتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دېگەن باھانىدە ئىدىيىدە تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئاپىرىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە بىر تۇغقىنىڭىزنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارالسا، شۇ ئائىلىدىكى ھەممەيلەن ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلىدۇ.
مۇخبىر: ‏-دېھقانلار بۇ خىل تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە بېرىشقا رازىمۇ؟
خىتاي سودىگەر:‏-ئۇلار ھازىر رازى بولمىسىمۇ بېرىشقا مەجبۇر، چۈنكى دېھقانلار ئامالسىز. دېھقانلار بۇ جايلارغا تۇتقۇن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئاپىرىلىدىكەن.

ئۇ، يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە يوللاپ بېرىش ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلدى:
-بىلىشىمچە، دېھقانلار بۇ جايلارغا ساقچىلار ئارقىلىق يالاپ ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. كەنت كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دېھقانلارنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە شۇ يېزىدىكى ساقچىخانىلارغا مەلۇم قىلىش ئىكەن. ئاندىن ساقچىخانىلار مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ بۇ دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئىدىيىۋى تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئاپىرىپ بېرىدىكەن.

بۇ خىتاي سودىگەر تەمىنلىگەن ئۇچۇر بويىچە، ئۇنىڭ شىركىتىدىن «ئىدىيىۋى تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان تۇرغۇنجان قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر ئىشلەمچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى ۋە قاغىلىقتىكى بىرقانچە ساقچىخانىلارغا ۋە تېلېفون قىلدۇق.

يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىخانىلاردىن جاڭگىل ئەسكى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى. تېلېفونىمىزنى دەسلەپ ئالغان ياردەمچى ساقچى ئۆزىنىڭ بۇنداق نازۇك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىلشاتنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەردى.

ئۆزىنىڭ ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دىلشات بولسا، خىتاي سودىگەر ئېيتقان ئەھۋاللارنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرغۇنجان ئىسىملىك بىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، مەزكۇر ساقچىخانىدا شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئاپىرىپ بېرىش ۋەقەسى بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گەرچە بۇ خىتاي سودىگەرنىڭ بايانىدا تىلغا ئېلىنغان «ئىدىيىۋى تەربىيىلەش مەركىزى» دە تەربىيىلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئاپىرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى، قاغىلىقتىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي ساقچىلىرى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رادىيومىز ئىلگىرى غۇلجا ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ، بۇ خىل «ئىدىيىۋى تەربىيىلەش ۋە ئۆگىنىش مەركەزلىرى» گە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان ئىدى.