ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇرلار (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016-10-26
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونى بولغان زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت زىيارەت ئېلىپ بېرىش داۋام قىلىۋاتىدۇ.

بۈگۈن بىز نۇرىپاشا مەھەللىسىدە ئېچىلغان بۇغراخان چاي تائاملىرى، قەشقەر ئاتا مىراس قاسساپ دوكىنى، بەرىكەت كىيىم تىكىش دۇكىنى ۋە ھەكىم ئەلى ئۇيغۇر تېبابىتى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سۆھبەت نەتىجىسىدە كۆپىنچىسى ھەر خىل بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىدىن يۇرتلىرىنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

زەيتىنبۇرنۇغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ باشقىلارغا ئېغىرچىلىق سالماي، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداشقا تىرىشماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەندە نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، مۇشۇ يەردىمۇ شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىجتىمائىي ھاياتىنى قامداپ ئۆتمەكتە. بۇلاردىن بىرى قەشقەر ئاتا مىراس قاسساپ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى، ئۇ، قەشقەردە 12 يېشىدىن باشلاپ قاسساپلىق قىلغان بولۇپ، چوڭ دادىسىدىن باشلاپ ئۈچ ئەۋلاد قاسساپلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان، زەيتىنبۇرنۇغا كەلگەندىن كېيىن قەشقەر ئاتا مىراس قاسساپ دوكىنى نامىدا بىر دۇكان ئېچىپ، ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ۋەتەندىن دىنىي ئىبادەتلىرىنى جايىدا قىلالماي توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلىپ كېلىپ زەيتىنبۇرنۇدا ياشاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بەرىكەت كىيىم تىكىش دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئوبۇلقاسىم قارى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئوبۇلقاسىم قارى 12 يىل بۇرۇن ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، بۇ يەردە كىيىم تىكىش دوكىنى ئېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم ئېھتىياجىنى قامداپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىر ئۆز يۇرتىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بەك سېغىنغانلىقىنى، بىر كۈنى چوقۇم قايتىپ كېتىپ ئۆز يۇرتىدا خاتىرجەم ياشاش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بىز يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىن زەيتىنبۇرنۇغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئابدۇللا ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇللاھ ئەپەندى ئۆزىنىڭ دىنىي بېسىمغا ئۇچراپ تۈرمىدە 6 ئاي ناھەق ياتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت