گېرمانىيەدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017-07-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 5-ئىيۇل، گېرمانىيە.
5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 5-ئىيۇل، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا 5-ئىيۇل كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن، فرانكفۇرت، كارلىسرۇھە، ئاۋگۇسبۇرگ قاتارلىق شەھەرلىرىدىن كېلىپ جەم بولغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم تۈركلەر 5-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىش 5 -ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار بىلەن باشلاندى.

نامايىش مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، 5-ئىيۇل نامايىشىنى خاتىرىلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۆرۈر بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ ھەر يىلى نامايىش ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئالايىتەن گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىن كېلىپ قاتناشقان «ئۇيغۇرىستان كۈلتۈر مەركىزى» نىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق دۇنيا ھەم ئۇيغۇر مىللىتىگە بېرىدىغان تەسىرلەر ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

5-ئىيۇلدىكى بۇ نامايىشقا ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تىلەش مەزمۇن قىلىنغان پىلاكات بىلەن قاتناشقان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىز قوبۇل قىلغاندا، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كۈرەش تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر ۋەقە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نامايىشقا ئەرلەردىن باشقا، يەنە كۆپ ساندا بالىلار ھەم ئاياللارمۇ قاتناشقان ئىدى. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىنى ئۇزۇنغىچە شوئار سادالىرى بىر ئالدى. جەۋلان قىلىپ تۇرغان قانچە ئونلىغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ياشلار يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن گېرمانلارغا 5-ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدا ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت