5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى غايىبلىرى خىتايدىكى ئورگان تىجارىتىنىڭ قۇربانىمۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-07-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئەنۋەر توختى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆزى شاھىت بولغان ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە.
ئەنۋەر توختى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆزى شاھىت بولغان ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە.
Photo: RFA

2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى كۈنى ۋە كېيىنكى كۈنلەردە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇنلاردا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بىر سىر سۈپىتىدە داۋام قىلماقتا. مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلار مەۋجۇت بولسىمۇ، خەلقئارادىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇلار ھەققىدە جىددىي ئەندىشىلىرى بار. ئۇ بولسىمۇ، غايىبلارنىڭ خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى قۇربانىغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇش ئېھتىماللىقى.

2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە 8 يىل تولغان مۇشۇ كۈنلەردە، ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئېسىگە شۇ كۈنى ۋە ئۇندىن كېيىنكى ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىشلار جەريانىدا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، شۇ پېتى ئىز-دېرىكى بولمىغانلار ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر مەسىلىسى كېلىدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھازىرغىچە 43 كىشىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالماي كەلدى.

بۇ غايىبلار نەگە كەتتى، ئۇلار ئۆلدىمۇ-ھاياتتىمۇ؟ ئۆلگەن بولسا قانداق ئۆلدى، ئۆلۈكى قەيەرلەردە قالدى؟ خەلقئارادىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا بۇ غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان تىجارىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، خىتايدا دىنىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەردىن تۇتقۇن قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ قېنى تەكشۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز ھالدا كۆچۈرۈپ ئېلىنغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك ئىسپاتلار بارلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ غايىب بولغان ياش ئۇيغۇرلار بالىلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ كىشىدە كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئەپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىمىزدە 1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تۇنجى بولۇپ مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان. بىز زىيارەت قىلغان بىر سابىق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس تۈرمىدە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن داۋاملىق قان ئېلىپ تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي تۈرمىداشلىرىنىڭ ھېچقايسىدىن قان ئېلىنمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مىساللار ۋە خىتاي فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭمۇ ئورگان تىجارىتىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقىدەك ئەھۋاللاردىن يولغا چىققاندا،  2009-يىلىدىكى ۋەقەدىن كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسى جىددىي بىر گۇمان قوزغىشى ھەم بۇ مەسىلە ئۈستىدىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.»

يىللاردىن بېرى، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئورگان تىجارىتىگە قۇربان قىلىنىش مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، بۇ ھەقتە جىددىي پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقان، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئەنۋەر توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، دۇنيادا ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىدىغان بىمارلارنىڭ بىر ئورگان ئۈچۈن يىللارچە ساقلاپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدا بولسا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ھەتتا بىمار ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ئورگان تەييار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مانا بۇ، خىتايدىكى مۇنچە كۆپ ئورگان زادى نەدىن كەلگەن دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ، دېدى.

ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر يۇقىرىدىكى گۇمانلارنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىگە جاۋاب بېرىشى كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئەلۋەتتە ئېنىق قىلىپ يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگانلىرى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلدى دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز. ئەمما، يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار شۇنداق بىر يەكۈننى چىقىرىشىمىزغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ گۇمانلارنى يوق قىلىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا چوقۇم بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشى كېرەك.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجافىسكى ئەپەندىمۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئەمدى بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ غايىبلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە جاۋاب بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى. مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پەقەت جەمئىيەتتە قورقۇنچ، ۋەھىمە پەيدا قىلىپلا قالماي، غايىب ئائىلىلىرىنىڭ ھاياتىدا ئېغىر بىر يارا پەيدا قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئائىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپتۇرۇشى كېرەك. غايىبلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى تۈرلۈك گۇمانلارنى يېشىشنىڭمۇ بىردىن-بىر مەسئۇلى مەنچە يەنىلا خىتاي. بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن باشقىسى ئەمەس. غايىبلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاش ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت