5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يەنىمۇ چىڭىتىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-07-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ "ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ" ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﻠﺎﻛﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﺪﺍ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ "ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ" ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﻠﺎﻛﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﺪﺍ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

بۈگۈن 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنى. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان بىر كۈندە بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئالاھىدە چىڭىتىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

8 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچىدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى 29-ئىيۇندىكى شاۋگۈەن ۋەقەسىدە خىتايلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىش قىلغان. بىراق، ئۇلارنىڭ نامايىشى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن قانلىق بىر شەكىلدە باستۇرۇلۇپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈمى، تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بۈگۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەر بولسا، بۇ كۈندە يەنىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن يۈزلەشكەن. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى كوچىلاردا چارلاپ يۈرگەن ساقچى ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن. ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردىكى مېھمانخانىلار دائىرىلەرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر قانچە كۈن ئىش توختاتقان.

ئىستانسىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر يولۇچى، ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يەنە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، پويىز ئىستانسىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن پويىزغا چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا 4 قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىنى، 3 قېتىم پۈتۈن ئۈستى-بېشىنىڭ ئاختۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان. جاڭ فامىلىلىك ئۈرۈمچى تۇرغۇنى بولسا مۇخبىرغا: «ھازىر ھەربىر كوچا ئېغىزىدا بىردىن قاراۋۇلخانا بار، ھەر ئون نەچچە كىشى بىردىن ساقچى بىلەن بىرلىشىشى ۋە ھەر كىشىنىڭ قولىدا بىردىن تاياق بولۇشى كېرەك. 10 ئائىلىنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن پۇشتەك بار، پۇشتەكنى بىرى چېلىشىغا بۇ ئون ئائىلە بىر مىنۇت ئىچىدە بىر يەرگە يىغىلىپ بىرلىكتە ئامانلىقنى ساقلىشى كېرەك» دېگەن.

ئۈرۈمچىگە داۋاملىق كەپ كېتىپ تۇرىدىغان، ئۆزى غۇلجىدا ئولتۇرىدىغان جۇ فامىلىلىك كىشى ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدىكى بەزى مېھمانخانىلارغا بىر قانچە كۈن ئىش توختىتىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن بەكمۇ قورقۇنچلۇق. پويىز ئىستانسىسى بولامدۇ، ھۆكۈمەت بولامدۇ ۋە ياكى مېھمانخانىلار بولامدۇ، ھەممىسى بىرەر ئىش چىقىشىدىن قورقۇپ كېتىپتۇ. بەزى مېھمانخانىلار 5 كۈن، بەزىلىرى 3 كۈن ئىش توختىتىپتۇ.»

بۇ كىشى مۇخبىرغا، بولۇپمۇ خىتاي بولمىغان يولۇچىلارنىڭ مېھمانخانىلاردا تۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق بەزى چەتئەللىكلەرنىڭ تىۋىتتېر تورىدىكى ئىنكاسلىرىدىن قارىغاندا، 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تورىنىڭ سۈرئىتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاستىلاپ كەتكەن. ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو دەل بۇ مەزگىلدە قەشقەردە زىيارەتتە بولۇپ، قاتتىق زەربە بېرىشنى ۋە ئامانلىق تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ چىڭىتىشنى تەكىتلىگەن. بۈگۈن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك بىزگە قىلغان سۆزىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيانقى 8 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ ماڭغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە ئاساسىي كىشىلىك ئەركىنلىك، دىنىي ئەركىنلىك، پىكىر ئەركىنلىكى ھەم شۇنداقلا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى جەھەتلەردىن قارايدىغان بولساق، ۋەزىيەت ھەممە ساھەدە چېكىنىپ ماڭدى. بىزنىڭ دوكلاتلىرىمىزدا ئېيتىلغاندەك، شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىك ئاشتى. ئۇيغۇرلار ناماز ئوقۇش ياكى دىنىي مەزمۇندىكى ۋىدېئو كۆرۈش دېگەندەك ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە ئېلىنىدىغان بولدى.»

ساراھ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئەزەلدىن چىڭ بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ تەدبىرلەر ھەددىدىن ئاشقان. ئۇ مۇنداق دېدى : «مەنچە 2009-يىلىدىكى ۋەقەدىن كېيىن ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسىيلىقىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. مەسىلەن، كىشىلەر رامىزاندا تاماق يېيىشكە مەجبۇرلىنىدىغان بولدى. يەنە، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆرپ -ئادەت بويىچە مەسچىتلەرگە بارالمىغاچقا، بىرىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، قۇرئان ئوقۇيدىغان ئىشلارنى قىلالايتتى. ئەمما ھازىر ئۇ مۇمكىن ئەمەس. جۈملىدىن 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى غايەت زور دەرىجىدە چىڭىتتى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، 8 يىلدىن بېرى ۋەزىيەتنىڭ ئىزچىل كەسكىنلىشىپ ماڭغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن زىددىيەتنى ھەل قىلىش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى تۇتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىتىنى دەرھال ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت