خىتاي تۈرمىسىدىكى ئابلىمىت داموللامنىڭ دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2017-06-16
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
قەشقەر شەھرىدىكى تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زات ئابلىمىت داموللار ھاجىم (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
قەشقەر شەھرىدىكى تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زات ئابلىمىت داموللار ھاجىم (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Qutluq

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، قەشقەردە 1990-يىللاردا «تىل تېخنىكوم مەكتىپى» ئاچقان ئاتاقلىق ئۆلىما ئابلىمىت داموللامنىڭ يېقىندىن بۇيان قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ، سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تارالغۇلاردا ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار تارىلىشقا باشلىدى.

بىز خىتاي تۈرمىسىدىكى ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، قەشقەردىكى بەزى بىر ئورۇنلار ۋە بېيجىڭغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.

ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابلىمىت داموللامنىڭ قەشقەردىكى يېقىنلىرىدىن ھازىر تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھوشۇر سەلەي ئەپەندى ئابلىمىت داموللامنىڭ تۈرمىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ھەققىدە توختالدى.

بىز ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى يۇقىرىقى ئۇچۇرغا ئاساسەن قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق ساقچى خانىم بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

قەشقەر ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدىكى نام‏-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر زات بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.

بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى: «ئابلىمىت داموللام دوختۇرخانىدا ۋاپات بوپتۇ» دېگەن بەزىبىر خەۋەرلەرگە ئاساسەن، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن قەشقەر خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە نۆۋەتچى دوختۇردىن ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا سوئال سورىغىنىمىزدا، بۇ خانىم بىزنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىشىمىزنى جېكىلىدى.

بىز يۇقىرىقى ئۇچۇرغا ئاساسەن، قەشقەر خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، نۆۋەتچى دوختۇر بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى دوختۇر خانىم بىزنىڭ: «بىر ھەپتە ئىلگىرى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 80 ياشلاردىكى ئابلىمىت داموللام ئىسىملىك بىر كىشى مۇشۇ يەردە ۋاپات بولدىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا تەسلىكتە جاۋاب بېرىپ: «مەن سىزنى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز. بۇ ئىش مەن نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن ئىش. سىز ئەڭ ياخشىسى بۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى، داۋالاش نومۇرىنى ۋە كېسەل تارىخى ئارخىپ نومۇرىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا كەلسىڭىز، ئاندىن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشسەك» دېدى.

بىز قەشقەر خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسەن «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى باش مۇھەررىر ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتۇق.

بىز ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئېرىشىش ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان «خىتاي مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىمىت داموللام ئۇيغۇر ئېلىدا تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1990-يىللىرى قەشقەردە بىر قىسىم تىجارەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىم خەلق ئىگىلىكىدىكى «تىل تېخنىكوم مەكتىپى» نى قۇرغان ۋە خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت