ئالتاي ۋىلايىتى ئېلان قىلغان مۇكاپات، يەرلىك مىللەتلەر ئورتاق ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-04-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-مارت، قەشقەر.
كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-مارت، قەشقەر.
Imaginechina

ئالتاي ۋىلايىتى چارشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تېررورلۇققا ئائىت گۇمانلىق ئەھۋاللارنى پاش قىلغانلارنى 5 مىليون يۈەنگىچە بولغان يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى بىلەن تارتۇقلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋە قازاق نوپۇسىنى ئاساس قىلغان ئالتايدا ھازىرغىچە بىر جىددىي ئەھۋال كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاش ئۇقتۇرۇشنىڭ ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرلىكتە چارشەنبە كۈنى «ئاممىنىڭ تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت يىپ ئۇچلىرىنى پاش قىلىشنى مۇكاپاتلاشقا دائىر قارارى» نى ئېلان قىلغان. مەزكۇر قارار ئالتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى ۋە شۇنىڭدەك ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۈندىدارىدىكى سەھىپىسى ۋە كېيىن جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتىدە كەڭ خەۋەر قىلىندى.

ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئالتايدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە باشقا مۇھىم ئورگانلارغا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى پاش قىلغانلارنى 5 مىليون يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگىچە، قورال ياكى پارتلاتقۇچ ياسىغانلارنى پاش قىلغانلارنى 4 مىليون، چېگرادىن كىرگەن ياكى چىققان تېررورچىلارغا ئائىت ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 3 مىليون، چەتئەللەردىكى تېررورچىلارغا پۇل ياردەم قىلغانلارنى پاش قىلغانلارنى 2 مىليون يۈەن مۇكاپات بىلەن تارتۇقلايدىكەن.

ئۇنىڭدا يەنە، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ۋىدىيولارنى، رەسىملەرنى ياساپ تارقاتقانلار، باشقىلارنى تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتكەنلەر، نىمكەش ماشىنا ئېلىپ-ساتقان، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئالغان گۇمانلىق ئەھۋاللار، توپلىشىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ۋە كىشىلەرمۇ بىردەك تېررورلۇققا دائىر گۇمانلىق ئەھۋاللار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ ئايرىم-ئايرىم مۇكاپات سوممىسى بېكىتىلگەن.

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پانوما ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور درۇ گلەدنېي ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىۋاتقان بۇنداق تەدبىرلەرنى چېكىدىن ئاشقان گۇمانخورلۇق كېسەللىكىگە ئوخشىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، جىرتاق قىلىۋاتقانلىقنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى رادىكال ئىسلام ۋە تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاكىستانغا ياكى ھىندىستانغا ئوخشاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رادىكاللىققا ياكى ئۆكتىچىلىككە كىچىككىنە بولسىمۇ بىر پۇرسەت بەرمەسلىككە تىرىشىۋاتىدۇ. لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى ئىنسانلارغا قانچە بېسىم قىلسا نارازىلىقمۇ قارشىلىقمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى قانچىلىك قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئەگەر بىر كىشى قاتتىق نارازى بولۇپ، زوراۋانلىق ھەرىكىتى قىلىمەن دېسە، ئۇ ھامان ئۇنىڭ بىر ئامالىنى تاپىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقىي تېررورلۇق ۋەزىيىتى بىلەن يۈزلەشمەيمەن دېسە، ئۇ ھالدا ئۇ بۇنداق بېسىم سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.»

بۇ يىل 14-فېۋرال كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايىتى بىرىنچى بولۇپ مانا بۇ 5 مىليون يۈەنگىچە بارىدىغان يۇقىرى مۇكاپات سوممىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋە قازاق نوپۇسىنى ئاساس قىلىدىغان ئالتاي ۋىلايىتىدە بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش چىقىشى دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى، دەپ ئەسكەرتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يىل مارتتا ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 11 كىشىنى «قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقاتتى» دېگەن جىنايەت بىلەن بىر تەرەپ قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر نەپىرى قازاق مىللىتىدىن ئىدى.

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ 11 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەندە قازاق مىللىتىدىن بولغان بۇ كىشىنى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىپ، ئۇنى دىنى رادىكاللىققا ئائىت ۋىدىيو كۆرگەن، ۋەز ئېيتقان ۋىدىيولارنى كۆرۈپ كومپيۇتېرىدا ساقلىغان دېگەن جىنايەتنى بېكىتكەن.

خىتايدا بىر قەدەر ئەركىن ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكى ماقالە-خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش بىلەن تونۇلغان، شاڭخەي بىرلەشمە ئاخبارات گۇرۇپپىسىغا قاراشلىق «6-تون» ناملىق تور بەتتە يېقىندا بىر قازاق يازغۇچى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى.

ماقالىسىدە ئۆزىنى «ماھىرە» دەپ تونۇشتۇرغان بۇ قازاق قىزى قازاقلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇنداق بايان قىلغان: «كىچىكىمدە مەن دائىم ئالتاي تاغلىرىدا ياشايدىغان ھاممامنىڭ يېنىدا تۇراتتىم. ئۇ تولىمۇ ساپ ۋە جەننەتتەك بىر يەر ئىدى. بىپايان ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قىشتا بۇ تاغ قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ كېتەتتى. ھاممام بىزگە چاڭغا ياساپ بېرەتتى. كېچىلىرى بولسا بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرىنى ئاڭلايتتۇق. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئەسلىمە بولۇپ قالدى. بۇ يەرگە قۇرۇلغان كۆمۈركانلىرى ۋە ياغاچچىلىق سانائىـتى تەبىئىي ئورمانلارنى ئاساسەن دېگۈدەك ۋەيران قىلىپ بولدى، بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنى بېزىگەن ياۋايى ھايۋانلارمۇ يوقاپ كەتتى. نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگەردى. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقتىمدا پۈتۈن دەرسلىرىمىز ئانا تىلىم قازاقچىدا ئۆتۈلەتتى. لېكىن ھازىر چوڭ بولۇۋاتقان قازاق بالىلىرى قازاقچە ساۋاتىنى يوقاتتى ئۇلار ھەتتا قازاقچىنى راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ كەتتى... يەنى بىز يېرىمىزدىن، تىلىمىزدىن ئايرىلدۇق. ئەلۋەتتە بىز بۇنداق بولۇشىنى خالىمىدۇق، لېكىن تاللاش ئىمكانىمىز يوق ئىدى...»

بۇ ھەقتە توختالغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئەمەس، بەلكى بارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدا پەقەت ۋاقىت پەرقى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت